باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭخۇا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتلىرى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشكە مەسلىھەت بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2014.04.22 08:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بېيجىڭدىكى ئالىي بىر قانچە مەكتەپ تۈنۈگۈن مەكتەپ ئېچىۋېتىش كۈنى ۋە تولۇق كۇرسقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەسلىھەت بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، بېيجىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسېتېتلىرى مۇنۇلارنى ئېنىق بىلدۈردى: بېيجىڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى قىسقارتىلمايدۇ. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يۈ خەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى ئۆتكەن يىلقى بىلەن تەڭلىشىدۇ. بۇ يىل چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىش سانى ئۆتكەن يىلىدىكىدىن بىر قەدەر ئازىيىدۇ، نامرات رايونلاردىن ھاۋالىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس پىلانىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى بىر قەدەر كۆپىيىدۇ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى 1- دەرىجىلىك ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشىغا شارائىت يارىتىلىدۇ. بۇ يىل بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرۇش ئۇسۇلى «تەڭ دەرىجىلىك ئارزۇ ئۇسۇلى»غا تەڭشىلىدۇ. «تەڭ دەرىجىلىك ئارزۇ» دا ھەر تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى بىر قانچە تەڭ دەرىجىلىك ئالىي مەكتەپنى تولدۇرىدۇ، ئاندىن «نومۇرىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى، ئارزۇسىغا قاراش» پىرىنسىپى بويىچە ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر