باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

2014.04.22 08:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2-تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى تۈنۈگۈن شېنياڭغا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈەنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شۇ جىنپىڭنىڭ خېنەننىڭ لەنكاۋدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان، يېتەكچىلىك قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت، قاتتىق تەلەپ قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر بىر ھالقىدىكى خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، تەربىيە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا لىياۋنىڭ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن، شەندۇڭ قاتارلىق 11 ئۆلكە شەھەرلىك پارتكومنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئۇلارغا قاراشلىق شەھەر ناھىيەلىك پارتكوملارنىڭ شۇجىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە مەركەزنىڭ 2- سەييارە نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى، كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: 2-تۈركۈمدىكى تەربىيە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ياخشى باشلاندى، ئۆگىنىش، تەربىيە بېرىش، پىكىر ئاڭلاش خىزمىتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، بەزى مەسىلىلەر دەسلەپكى قەدەمدە ھەل قىلىندى، لېكىن ئىلگىرىلىشى تەكشى بولماسلىق، ئېتىبار بېرىش يېتەرسىز بولۇش، كۆپتۈرۈۋېتىش، شەكىلۋازلىق قىلىش، سۈرئەت قوغلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانماقتا، ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، پائالىيەتنى ھەقىقىي چىڭ ۋە ياخشى تۇتۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر