باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«2014~ 2023-يىلغىچە بولغان جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكىگە نەزەر دوكلاتى» ئېلان قىلىندى

2014.04.22 08:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «2014-يىلدىن 2023-يىلغىچە بولغان جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكىگە نەزەر دوكلاتى» تۈنۈگۈن ئېلان قىلىندى. كەلگۈسى 10 يىلدا قىسمەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېھتىياجىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولىدۇ، ئۈچ چوڭ ئاساسلىق ئاشلىقتا ئۆزىنى تەمىنلەشتە يەنىلا يۇقىرى ئورۇندا تۈرۈشنى ساقلايدۇ. دوكلاتتا نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىلدىكى ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئىستىمال قىلىش، بازار يۈزلىنىشى چۆرىدەلگەن ھالدا ئۇچۇر تەھلىل قىلىندى ۋە مۆلچەرلەندى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى شۈ شىۋىي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈچ چوڭ ئاساسلىق ئاشلىق بولغان شال، بۇغداي، كۆممىقوناقتا ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتى داۋاملىق بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلايدۇ، بىراق ئىستىمالنىڭ ئېشىشى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشىدىن تېز بولغاچقا ئۆزىنى تەمىنلەشنىڭ كونكىرىت سان-سېفىرى 2013-يىلدىكى %99تىن 2023-يىلى %97كە تەڭشەلىدۇ. «2014-يىلدىن 2023-يىلغىچە بولغا جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكىگە نەزەر دوكلاتى»دا شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۆۋەتتىكى بىر قەدەر كۆپ ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدىغان دادۇرنىڭ كەلگۈسى 10 يىلدا ئىمپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاستىلايدىغانلىقى كۆرسىتىلدى. مۇئاۋىن يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى چىن شياۋخۇا: ئاشلىقتا ئۆزىنى تەمىنلەش ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ تۆۋەن چېكى، ئىمپورت پەقەتلا تۈرلەرنى تەڭشەش، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر