باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبىينىڭ تاشيول تورى داۋاملىق تۇتاشتۇرۇلماقتا

2014.04.21 10:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈزۈلۈپ قالغان يوللار تۇتاشتۇرۇلۇپ، قاتناش تورى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، بۇ يىل بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي قاتارلىق جايلار بىر گەۋدىلەشكەن قاتناش تورىنى تېز سۈرئەتتە شەكىللەندۈرۈپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

  پىلانلاش مۇددىتى ۋە قۇرۇلۇش ئۆلچىمى بىردەك بولماسلىق سەۋەبىدىن، بېيجىڭنىڭ ئەتراپىدىكى بېيجىڭ-كۇنمىڭ، بېيجىڭ-تەيبېي، بېيجىڭ-چىنخۇاڭداۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق ئالتە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، سەككىز دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەسى ئىزچىل ئۈزۈك ھالەتتە تۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

  يول تۇتاشتۇرۇشلا ئەمەس، بېيجىڭ 7-چوڭ ئايلانمىسى دەپ قارىلىۋاتقان چوڭ ئايلانما يولىدا جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنماقتا. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 940 كىلومېتىر كېلىدىغان چوڭ ئايلانما يولنىڭ 850 كىلومېتىرى خېبىيغا جايلاشقان، ئۇ بىر چوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنى كېسىپ ئۆتۈپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ قاتناش بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ ھەم بېيجىڭ بىلەن ھەر قايسى شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرىدۇ.

  قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان خېبېينىڭ باۋدىڭ شەھىرىدىن تيەنجىنگە قاتنايدىغان تيەنجىن-باۋدىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا كېلەر يىلى قاتناش باشلىنىپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، باۋدىڭنىڭ يېرىم سائەتلىك تۆمۈر يول مۇساپىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، شجاجۇاڭدىن تيەنجىنگە بارىدىغان مۇساپىمۇ ھازىرقى تۆت سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىر سائەتكە قىسقىرايدۇ.

  پايتەخت ئايرىدىرومى بېيجىڭ بىلەن خېبېينىڭ چېگراسىغا جايلاشقانلىقتىن، تيەنجىن ئايرىدىرومىمۇ نەزىرىنى بېيجىڭغا ئاغدۇردى. نەچچە كۈن بۇرۇن، بېيجىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك جەنۇبى ۋوگزالىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا تيەنجىن ئايرودۇرۇمىنىڭ ئايروپىلان كۈتۈش ئۆيى كۆپەيدى، يولۇچىلار بۇ يەردىن تيەنجىن ئايرودۇرۇمىنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرەلەيدىغان بولدى.

  بارغانسېرى تۇتاشتۇرۇلغان قاتناش تورى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ساياھەت بازىرى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى. ئۈچ يىل ئىلگىرى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ساياھەت تارماقلىرى بىرلىشىپ يولغا قويغان ساياھەت ھەممىباب كارتىسى بۇ يىل تېخىمۇ كېڭەيدى، ساياھەتچىلەر بۇ ئۈچ جايدىكى 100 دىن ئارتۇق مەنزىرگاھ، مىڭغا يېقىن ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ توپ سېتىۋېلىش ئېتىبار باھاسىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. يېڭىدىن تۈزۈلىۋاتقان بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ قاتناش تورىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش لايھەسىدىن ئايان بولۇشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا، بۇ ئۈچ جايدا 9000 كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورى ۋە ئاساسلىق شەھەرلەردىكى ئۈچ سائەتلىك قاتناش چەمبىرىكى، 9500 كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورى ۋە ئاساسلىق شەھەرلەردىكى بىر سائەتلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قاتناش چەمبىرىكى شەكىللەندۈرۈلۈپ، پايتەخت ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچىلار مىقدارى 100 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشۇرۇلۇپ، پايتەخت ئايرىدىرومىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى ئىشلىتىشكە كىرىشتۇرۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر