باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2020-يىلى ئېلىمىزدە يۈز مىليون نوپۇش شەھەر بازارلارغا ئورۇنلىشىدۇ

2014.04.21 10:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ شاۋشى 19-ئاپرېل مۇنداق دېدى: نوپۇس چەكلىمىسىنى كېڭەيتىش، ئوخشاش بولمىغان كۆلەمدىكى شەھەرلەردە پەرقلىق نوپۇس سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك. 2020-يىلىغا بارغاندا، يۈز مىليون ئەتراپىدىكى يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن نوپۇس ۋە باشقا دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇسنىڭ شەھەر بازارلارغا ئورۇنلىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

  شۈ شياۋشى مۇنداق دېدى: ئورۇنلىشالمىغان شەھەرلەردىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسقا قارىتا، تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، تۇرۇشلۇق يىل چەكلىمىسى قاتارلىق شەرتلەر بىلەن ئالاقىدار بولغان ئاساسىي ئاممىۋىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، شەھەر بازارلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋىي مۇلازىمىتىنى شەھەر بازارلاردىكى بارلىق دائىمىي نوپۇسقا ئومۇملاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەھەر يېزىلارنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، 1 مىليارد 800 مىليون تېرىلغۇ يەر چېكىنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر