باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لۇشەن يېڭى ئۈمىد بىلەن قەدەم تاشلىدى

2014.04.22 08:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «20-ئاپرېل» لۇشەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ئۆتۈپ بىر يىلدىن كېيىن، يېڭى ئۆيلەر سېلىنىپ، كەسىپلەر تەرەققىي قىلىپ، تۇرمۇش ياخشىلىنىپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوننىڭ قىياپىتىدە يېپيېڭى ئۆزگىرىش بولۇپ، يېڭى ئۈمىدگە تولدى.ئۆتكەن يىلى ئىيۇلدا، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى «لۇشەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قايتا قۇرۇش ئومۇمىي پىلانىنى» بېسىپ تارقاتتى، 20-ئىيۇل سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئاپەتتىكى كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قايتا قۇرۇشنى رەسمىي ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. لۇشەن ناھىيەسى كەسىپ مەركەزلەشكەن رايونى ئىمزالىغان كارخانا 11 غا يەتتى، ئۇنىڭ 8 دە قۇرۇلۇش باشلاندى؛ يائەن ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا تايىنىپ قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان ئاپەت رايونى «فېيدى» كەسىپ باغچە رايونىدا نۆۋەتتە 10 كارخانا تۈرىدە باغچىغا كىرىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلماقتا؛ ئاپەت يۈز بەرگەن رايون چوڭ مۈشۈك ئېيىق مەدەنىيىتى، چاي مەدەنىيىتى ۋە تاغلىق يەر ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە ماركىلىرىنى يارىتىپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت ساياھىتىنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى..... كەسىپلەرنى قايتىدىن قۇرۇش كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى ئاممىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىرىكچىلىكىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاساس سېلىندى.

  سىچۈەن ئۆلكىسى خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن ئويلىشىش، ئىلمىي ئۇسۇلدا قايتىدىن قۇرۇش ئاساسى مېلودىيىسىنى ئىگىلەپ، قايتىدىن قۇرۇش ئومۇمىي پىلانىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈردى، نۆۋەتتە قايتىدىن قۇرۇش ئومۇمىي پىلان تۈرىگە كىرگۈزۈپ قۇرۇلۇش باشلانغان تۈر 2303، ئىش باشلاش نىسبىتى %83.3 كە يېتىپ، قايتىدىن قۇرۇش ئومۇمىي پىلان تۈرىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلاشنىڭ ئالدىن مۆلچەرلەنگەن نىشانى ئاساسەن ئىشقا ئاشتى.

  تۈرگە ئايرىپ جىددىي ئىشنى ئالدى بىلەن ھەل قىلىندى، ۋاقىت مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قايتا قۇرۇش ئەمەلىيەتچىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى. ھەم شەھەر يېزىلاردىكى تۇرالغۇ ئۆيلەرنى قايتا قۇرۇش، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى قايتا قۇرۇش، گېئولوگىيەلىك ئاپەتنى تىزگىنلەش قاتارلىق جىددىي ئېھتىياجلىق خىزمەتلەر تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى ھەم قاتناش، سۇ ئىشلىرى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەنى قايتا قۇرۇلۇش ۋە باشقا قايتا قۇرۇش تۈرلىرى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئاپەت يۈز بەرگەن رايوننىڭ ئەمەلىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، تۈرلۈك قايتا قۇرۇش تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى ۋە ئۆلچىمى مۇۋاپىق بېكىتىلدى. كۆز بويامچىلىق، شەكىلۋازلىق قۇرۇلۇشى، سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلمىي پىلانلاپ لايىھەلەشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

  پۈتكۈل جەريان نازارەت قىلىندى، قايتا قۇرۇش تۈرلىرى ۋە مەبلىغىنى نازارەت قىلىش كۈچەيتىلدى، سىچۈەن ئۆلكىسى ئۆلكە، شەھەر ناھىيە كەنت «بەش دەرىجىلىك بىرلەشمە ھەرىكەت سىستېمىسىنى » ئورناتتى. ھازىرغا قەدەر، 100 گە يېقىن ئىقتىسادىي تەپتىش گۇرۇپپىسى، 300 نەچچە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلغۇچىنى ئەۋەتىپ قايتا قۇرۇش تۈرى مەبلىغىنى ئىز قوغلاپ پۈتكۈل جەرياننى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلدى، تۈر مەبلىغىدە بەلگىلىمە ۋە ئىنتىزامغا خىلاپ چوڭ مەسىلە بايقالمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر