باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سېرىق تور بېكەتلىرىنىڭ قانۇن سىرتىدا قېلىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىق لازىم

2014.04.21 10:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سېرىق مەرەزنى تازىلاش قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش ئىشخانىسى يېقىندا جەمئىيەتكە تەكشۈرۈپ چىقىلغان بىر تۈركۈم شەھۋانىي تور بېكەتلىرىنى ئېلان قىلدى، بەزى رەسمىي تور بېكەتلىرى ئارقىغا يوشۇرۇنغان سېرىق ئۇۋۇلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى پاش قىلىندى. لېكىن مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، تور ئەھلى ئاز ساندىكى شەھۋانىي مەزمۇنلار بولغان تور بېكەتلىرىنى يەنىلا تاپالايدىكەن.

  ئېلىمىزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى توردىكى شەھۋانىيلىق ئەھۋالىغا قارىتا كۆپ قېتىم زەربە بېرىش، رەتكە سېلىش ئېلىپ بېرىپ، خېلى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى زەربە بېرىش كۈچىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار شەھۋانىي سېرىق مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى پەدازلاشقا بارغانچە ئەھمىيەت بېرىپ، شەكلىنى ئۆزگەرتمەكتە. تورلاردىكى سېرىق مەزمۇن بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بارغانچە ھىلىگەرلىشىپ كەتتى، تور مۇھىتىنى تازىلاش مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى. ئالاقىدار تارماقلار بىر تەرەپتىن خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، چېگرا ئىچىدىكى قانۇن ئۇنسۇرلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شەھۋانىي سېرىق مەزمۇندىكى تور بېكەتلىرىنى قۇرۇشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشى؛ يەنە بىر تەرەپتىن تېخنىكا تەدبىرلىرىنى پائال قوللىنىپ، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى شەھۋانىي سېرىق مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنى توسۇپ، توردا ئىزدەش، نازارەت قىلىش، توردىكى قانۇنغا خىلاپ يىپ ئۇچىلىرىنى ۋاقتىدا بايقىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاممىنىڭ شەھۋانىي سېرىق مەزمۇندىكى تور بېكىتى مۇلازىمېتىرلىرى چېگرا سىرتىغا قويۇپ، چېگرا ئىچىدە قانۇنسىز تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىشىغا ئىلھام بېرىشى، پاش قىلىشتا تۆھپىسى بارلارنى مۇكاپاتلىشى كېرەك. سېرىق تور بېكەتلىرىنىڭ قانۇن سىرتىدا قېلىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقى لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر