باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككىنچى، ئۈچىنچى پەسىلدە سانائەت ئىقتسادىدا ئېشىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن

2014.04.21 10:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئىستاتسىكا ئىدارىسى يېقىندا 1-پەسىللىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ گۈللىنىش كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شۇنداقلا دۆلەت ئىگىلىدىكى، ھەسسىدارلىق، خەلق باشقۇرۇشىدىكى 73 مىڭ كارخانىنىڭ گۈللىنىشىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، بۇ يىل 1-پەسىلدە، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى 128 بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 4-پەسىلدىكىدىن 3.7 پوئېنت يۇقىرى بولغان. تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، كارخانىچىلارنىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئىشەنچىسى بىر ئاز كۈچەيگەن.

  كارخانىنىڭ پايدا سەۋىيەسى جەھەتتىن قارىغاندا، %76.3 سانائەت كارخانىسى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بۇ يىل 1-پەسىلدە پايدا ئەھۋالى نورمال سەۋىيەدە تۇرغان ياكى نورمال سەۋىيەسىدىن ياخشى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل 1-پەسىلدە، ئېلىمىز ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە يېڭى ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشكەن. كەسىپ قۇرۇلمىسى داۋاملىق سەر خىللاشقان.

  بىرىنچى پەسىلدە، كارخانىچىلارنىڭ ئىشەنچىسى ئۆسكەن، كارخانىنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە ئىشچى ئىشلىتىش پىلاندا روشەن ئۆزگىرىش بولغان، %81.3 سانائەت كارخانلىرىنىڭ كېيىنكى پەسىلدىكى مۇقىم مۈلۈككە سالغان مەبلىغى داۋاملىق ئاشىدىكەن ياكى تەڭلىشىدىكەن. %89.3 سانائەت كارخانىلىرىنىڭ كىيىنكى پەسىللىك ئىشچى ئىشلىتىش ئېھتىياجى ئاشىدىكەن ياكى تەڭلىشىدىكەن، كارخانىلارنىڭ مال زاكاز قىلىش ئەھۋالى كارخانىچىلار ئىشەنچىسىنىڭ ئېشىشىغا تىرەك بولىدىكەن. بۇ ماكرو ئىگىلىكنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ۋە سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى سەل پەسەيگەن تەقدىردىمۇ، كارخانىچىلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ھۆكۈمىنىڭ ئاۋۋالقىدەكلا ياخشى بولىدىغانلىقىدىن، ئىككىنچى، ئۈچىنچى پەسىللىك سانائەت ئىقتىسادىدا باراۋەر ياكى مۆتىدىل ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر