باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۇ ئاستىدىكى ئىزدەش خىزمىتىنىڭ تەخمىنەن يېرىمى تاماملاندى

2014.04.21 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىزدەش خادىملىرى مېخانىك قول ئارقىلىق «كۆك كىت-21» ناملىق ئادەمسىز سۇ ئاستى چارلىغۇچنى ئاۋستىرالىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «دېڭىز قالقىنى» ناملىق ھەربىي پاراخوتىدىن سۇغا چۈشۈردى. (سۈرەتنى ئاۋستىرالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بەرگەن)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل كانبېرادىن بەرگەن خەۋىرى: ئاۋستىرالىيە بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزى 20-چېسلا مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر مالايشىيانىڭ MH370 ناملىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنى سۇ ئاستىدا ئىزدەش خىزمىتىنىڭ تەخمىنەن يېرىمى تاماملاندى.

  ئاۋستىرالىيە بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزى مۇنداق كۆرسەتتى: «بۈگۈن ئەتىگەندە، ‹كۆك كىت-21› ناملىق ئادەمسىز سۇدا يۈرۈش ئۈسكۈنىسى 7-قېتىملىق سۇ ئاستىدىكى ئىزدەش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، ‹كۆك كىت-21›سۇ ئاستىدىكى %50 ئىزدەش رايونىنى ئىزدەپ بولدى.» ھازىر ‹كۆك كىت-21›8-قېتىملىق ئىزدەش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ. تېخنىكلار ‹كۆك كىت-21› توپلىغان بارلىق ئۇچۇرلارنى تەھلىل قىلىش خىزمىتىنى قىلىۋاتىدۇ، بىراق، مۇخبىر خەۋەرنى ئېلان قىلغىچە، MH370 ناملىق يولۇچىلار ئايروپىلانىغا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچى يەنىلا بايقالمىدى. (خەن چاۋ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر