باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جايلاردىكى كادىرلار، ئامما ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6- ئومۇمىي يىغىنىنى بەس مۇنازىرە قىلدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پولاتتەك ئىنتىزام بىلەن پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك

2016.10.31 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، جايلاردىكى كادىرلار، ئامما ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنى پارتىيەنىڭ يادروسى قىلىش، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئورتاق تونۇشى. ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنى ھۆججىتىگە پىكىر ئېلىش جەريانىدا، جايلار، تارماقلار ۋە ئارمىيەلەر بۇ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى قىلىپ بېكىتىشنى ئۈمىد قىلدى. ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېتتىكى يولداشلار «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى»نى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بىردەك قوشۇلدى؛ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئەمەلىيەتلەر، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇشىنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ شۇنىڭغا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى، دەپ قارىدى؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنىڭ پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق ئىرادىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت خىل ئاڭ»نى پۇختا تىكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر