باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2016.10.31 12:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى ھەم دۆلىتىمىزنىڭ داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسىدىكى پەن-تېخنىكا خادىملىرى ۋە كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق دېدى: 60 يىلدىن بۇيان جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلىتىمىزنىڭ داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدىكى باشلامچى بولۇش سۈپىتى بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېببىي پەن-تېخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى قاتلاملىق تېببىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تېببىي پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىش، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئىستراتېگىيەسىنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى كۈچەيتىشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنى ئېلىمىزنىڭ تېببىي پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ يادرولۇق بازىسىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىپ، داۋاملىق يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان داۋالاش، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، ئىشلەپچىقىرىش، ئالدىنى ئېلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ زور ئېھتىياجى ۋە خەلقئارالىق پەن-تېخنىكىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تېببىي پەن تەتقىقاتى ۋە ئېغىر كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر قاتار ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدىكى ھەقىقىي باشلامچى كۈچكە ئايلاندى. جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۈمىدنى يەردە قويماي، داۋاملىق يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پەنلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خەلقئارا نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، داۋالاش ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تېخىمۇ كۆپ يېتىشتۈرۈپ ۋە جەلپ قىلىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دۆلەت ۋە ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ھەم لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنى ئوقۇدى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈرتكە، «يادرولۇق بازا» نى نىشان قىلىپ، ماسلاشقان ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېببىي پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تېببىي پەن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى كۈچەيتىشكە يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى 1956-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال تېببىي ئىلىم تەتقىقات ئاپپاراتى ۋە ئىلىم-پەن مەركىزى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىنسانلارنىڭ H7N9 ۋە H10N8 قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملىنىشى، يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغىدىن جىددىي مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئافرىقىنىڭ ئىبولا ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق جىددىي ھەم چوڭ پەن-تېخنىكا ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداپ، ئېغىر كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر