باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى 11-چېسلا سايلىنىدۇ

2013.03.11 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى 11-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن ۋەكىللەر گۇرۇپپىلىرى بويىچە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىدۇ؛ چۈشتىن كېيىن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى قاراپ چىقىدۇ، بېلەت نازارەتچىلىكىگە نامزات كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، 11-چېسلا سائەت 12دە ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ سۇنۇش مۇددىتى ئاخىرلىشىدۇ.

  سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 11-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن 3-قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزىدۇ؛ چۈشتىن كېيىن 4-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى ۋە دائىمىي ئەزالىرى سايلىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە