باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى نۆۋەتلىك ئاپپارات ئىسلاھاتى باشلىنىش ئالدىدا

گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي تارماقلىرى 25كە قىسقارتىلىدۇ

2013.03.11 13:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، 10-چېسلا مەلۇم بولغان گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش لايىھەسىدىن قارىغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپپارات ئىسلاھاتى باشلىنىش ئالدىدا بولۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي تارماقلىرى 25كە قىسقارتىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيان گوۋۇيۈەن ئېلىپ بارغان 7-قېتىملىق ئاپپارات ئىسلاھاتى ئىكەن.

  بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا ھەر تەرەپلىمە پايدىلىق شارائىتلار تولۇق نەزەرگە ئېلىنىپ، بىر قىسىم نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاپپاراتلارنى تەڭشەش قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە تۈرلۈك خېيىم-خەتەر، خىرىسلار تولۇق نەزەردە تۇتۇلۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرىنىڭ نىسبىي مۇقىملىقى ساقلاپ قېلىنىدۇ. ئۇزاق مۇددەت ساقلىنىپ كەلگەن، جەمئىيەت يۈكسەك كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەر فۇنكسيە تەڭشەش ئارقىلىق ياكى مۇۋاپىق پەيتتە ئاپپاراتلارنى زۆرۈر تەڭشەش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.

  ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مۇنداق: فۇنكسيە ئۆزگەرتىش ۋە مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭ تارماق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆمۈريول ساھەسىدە مەمۇرىيەت بىلەن كارخانىنى ئايرىشنى يولغا قويۇش، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت، يېمەكلىك ۋە دورا بۇيۇملىرى، ئاخبارات-نەشرىياتچىلىق ۋە رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە، دېڭىز ۋە ئېنېرگىيەنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە كۈچەيتىش.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە