باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن «ئەمەلدارلار ۋە سودىگەرلەر تىلىنى بىر قىلىۋالماسلىقى كېرەك» دېگەن سۆزىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ۋە سەگىتىش ئەھمىيىتى

2013.03.10 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8-مارت، شى جىنپىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى. يىغىندا شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئەمەلدارلار بىلەن سودىگەرلەرنىڭ باردى-كەلدىسى ئۆز يولىدا بولۇشى كېرەك، بىر-بىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرسە بولىدۇ، ئەمما تىلىنى بىر قىلىۋالسا بولمايدۇ. بىز خۇددى راھىبلار ھەر كۈنى نوم ئوقۇغاندەك، ھەر كۈنى ئۆزىمىزنى بىز خەلقنىڭ چاكىرى دەيمىز، سىزنىڭ قولىڭىزدىكى ھوقۇقنى خەلق بەرگەن، ئۆز كۆمۈچىڭىزگە چوغ تارتسىڭىز، قارماققا ئېلىنىسىز. (9-مارت «ياڭزى كەچلىك گېزىتى»، گېڭ جيې)

  ئەمەلدارلار بىلەن سودىگەرلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئىزچىل قىيىن مەسىلە بولۇپ كەلدى، ئېزىقتۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئاز ساندىكى بىر قىسىم كادىرلار تېخىمۇ ئېگىزگە يامىشىشقا تىرىشىدۇ، ئاخىرىدا ئېغىر ئاقىۋەتكە قالىدۇ. شۇڭا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەمەلدارلار بىلەن سودىگەرلەر تىلىنى بىر قىلىۋالماسلىقى كېرەك» دېگەن سۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇش دېيىشكە بولىدۇ، بۇ سۆزدە كەڭ پارتىيىلىك كادىرلار ئۆز ئورنىنى توغرىلاش، ئۆز مەيدانىنى مۇستەھكەملەش، ئۆز قولىدىكى ھوقۇقنى ياخشى باشقۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرۇلغان.

  بىرىنچى، ئەمەلدارلار ئۆزىنىڭ قىممىتىنى كۆرۈپ يېتىشى كېرەك. دۆلەت بىر كادىرنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، نۇرغۇن مالىيە كۈچى ۋە قان-تەر سەرپ قىلىدۇ. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، بىر كادىرنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش بىر ئۇچقۇچىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈشتىن قېلىشمايدۇ. كىمكى شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقىنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەن، ئاخىرىدا ئۆزىنى گۆرگە ئىتتىرىدۇ.

  ئىككىنچى، ئەمەلدارلار ئۆزىنىڭ مۇھىتىنى ئويلىشى كېرەك. دائىم دەريا بويىدا يۈرسە، ئايىقى ھۆل بولمايدىغان ئىش نەدە بار؟ ھوقۇق تۇتقۇچى پايدا-مەنپەئەتنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمىسە، ھوقۇقنى بىر سودا ئورنىدا كۆرۈپ قالىدۇ-دە ، ئۇنىڭ مۇھىتى بەكمۇ خەتەرلىك بولۇپ قالىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئەمەلدارلار ئۆز قولىدىكى ھوقۇقنى ئويلىشى كېرەك. سۇ كېمىنى لەيلىتەلەيدۇ، شۇنداقلا ئۇنى ھەم ئۆرىۋېتەلەيدۇ. ئەمەلدارلار قولىدىكى ھوقۇقنى خەلق بەرگەن. خەلق سىزگە ھوقۇق بەرگەن ئىكەن، ئوخشاشلا سىزنىڭ قولىڭىزدىكى ھوقۇقنى قايتۇرۋالالايدۇ. كونىلاردىن قالغان «تادان تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئېلىنار» دەيدىغان تەمسىل بار، يامانلىق قىلغۇچى جازاسىنى تارتماي قالمايدۇ. ھوقۇق بىر قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدۇ، ياخشى ئىشلىتىلسە، پۇقرالارغا تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت قىلغىلى، تېخىمۇ چوڭ تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ؛ ياخشى ئىشلىتىلمىسە، قانۇن تورىغا ئېلىنىدىغان، ھەتتا ئۆزىنى نابۇت قىلىدىغان گەپ. ھوقۇق قانچە چوڭ بولسا، مەسئۇلىيەتمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە