باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى مۇنداق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ

2013.03.11 13:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى 10-چېسلا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا 12-مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ سايلام ئېلىپ بېرىش ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلىش چارىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  كۈنتەرتىپ

  سايلام ئېلىپ بېرىش ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلىش چارىسىگە ئاساسەن، سايلام ئېلىپ بېرىش ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلىش ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكى ئۈچ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا ئېلىپ بېرىلىدۇ:

  3-ئاينىڭ 14-كۈنى، 4-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى ۋە باش كاتىپى سايلىنىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى سايلىنىدۇ؛ دۆلەتنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى سايلىنىدۇ؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى سايلىنىدۇ.

  3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى 5-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ نامزاتى قارار قىلىنىدۇ؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە ئەزالىرىنىڭ نامزاتى قارار قىلىنىدۇ؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى سايلىنىدۇ.

  3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى 6-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ھەرقايسى مىنىستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ قاتارلىقلارنىڭ نامزاتلىرى قارار قىلىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە