باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى

پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە «مەن بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان پارتىيە تارىخى خاتىرە جايلىرى»نى باھالاش پائالىيىتى باشلاندى

ئابۇنىچلار خەلق گېزىتى تورىدىن چۈشۈرۈپ بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ

2016.06.23 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە تارىخىنى تەشۋىق قىلىش، بولۇپمۇ تىپىك ئورۇنلار تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى داغدوغىلىق تەبرىكلەش ئۈچۈن خەلق گېزىتى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى، مەملىكەت بويىچە قىزىل ساياھەتچىلىك خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان « مەن بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان پارتىيە تارىخى خاتىرە جايلىرى»نى باھالاش پائالىيىتى بۈگۈن باشلاندى.

  بۇ قېتىمقى باھالاشتا 60 نامزات تۈر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرگە تارقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە تيەنئەنمېن مەيدانى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى ئېلىپ بارغان نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيى، يەنئەن قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونى، لەنكاۋ ناھىيەسى جياۋ يۈلۇ ئىنقىلابىي قۇربان قەبرىسى، «918» ۋەقەسى تارىخىي مۇزېيى قاتارلىق خەلقگە تونۇشلۇق بولغان پارتىيە تارىخى خاتىرە جايلىرى بار.

  بۇ قېتىمقى باھالاش پائالىيىتىدە، خەلق گېزىتى ھۆكۈمەت تورىدا بېلەت تاشلاش يولى ئارقىلىق 21-ئىيۇندىن 7-ئىيۇلغىچە، خەلق گېزىتى تورىدىن چۈشۈرۈپ بېلەت تاشلىسا بولىدۇ. پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاش سانى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، «مەن بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان پارتىيە تارىخى خاتىرە جايلىرى»دىن 20نى ئۇنىۋېرسال باھالاپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان تورداشلار ئارىسىدىن، 38 تەلەيلىك كىشىنى تاللاپ چىقىپ، ئۈچ تېلېۋىزور، بەش يان تېلېفون، 30 دانە توكدان سوۋغات قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر