باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئەگەر قېنىڭىز A تىپلىق ياكى B تىپلىق بولسا، ئەمدى ئۇ خىل قان تىپىڭىزنى O تىپلىق قىلغىلى بولىدىغان بولدى

2018.09.20 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈرلۈك ئاپەتلەردە ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەردە يارىلانغانلارنى، شۇنداقلا ئېغىر كېسەللەرنى دەل ۋاقتىدا قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇلارنى داۋالاش ئۈچۈن، ئۇنداقلارغا قان سېلىش ۋە ئۇلارنى قان بىلەن تەمىنلەش ئۇلارنىڭ ھاياتلىقىنى ساقلاپ قېلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىدۇر. ئادەتتە ئىنسانلاردا A، B ، AB، O قاتارلىق تۆت خىل قان تىپى بار بولۇپ، تا ھازىرغىچە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى پەقەت O تىپلىق قاننىلا ئاندىن ھەرقانداق تىپىدىكى «قان سالدۇرغۇچىلارغا سېلىشقا بولاتتى». شۇڭا ئالىملار تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق قان سېلىشتىكى بۇ خىل چەكنى يوقىتىشنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتاتتى.

  A ، B قان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى شېكەر زەنجىرلىرى ئوخشىمايدىغان بولغاچقا، ئۇنداق كىشىلەر باشقىلارغا خالىغانچە قان بېرەلمەيدۇ. پەقەت O تىپلىق قاندىلا بىر خىل ئاساسىي تىپتىكى شېكەر زەنجىرى بار، A، B تىپلىق قاننىڭ ئاساسىي تىپلىق قەنت زەنجىرىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر خىل ئالاھىدە ئانتىگېنى بار بولغاچقا، ئەگەر ئۆزئارا قان بەرسە، ئانتىگېن بىلەن ئانتىتېلا ئارىسىدا ئاسانلا ئىممۇنىتېتلىق رېئاكسىيە يۈز بېرىدۇ، ئېغىر ئەھۋال ئاستىدا ئۇ ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشىگە زامىن بولىدۇ. يېقىندىن بۇيان، كانادادىكى ئەنگلىيەگە قاراشلىق كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىيوخىمىيە پىروفېسسورى سىتىفىن • ۋىتېرسپۇن ئىنسانلارنىڭ ئۈچەي يولى ئىچىدىكى باكتېرىيەلىك ئېنزىمدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكىA ، B تىپلىق قانلارنى O تىپلىق قانغا ئۆزگەرتىش ئۈچۈنA ، B تىپلىق قان شېكىرى زەنجىرلىرىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى ئالاھىدە ئانتىگېننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چىقىرىپ ئېلىۋەتتى. B تىپلىق قاننى O تىپىدىكى قانغا ئالماشتۇرۇشتا ئېلىپ بېرىلغان 1982- يىلىدىكى تەجرىبىدىمۇ ئېنزىم ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ نەتىجىسىدە بەدەندىكى قان تىپىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈچۈن ۋاقىت بەك كۆپ سەرپ بولاتتى، ھەمدە ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپ، ئۇ ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس ئىدى. بۇ قېتىمقى يېڭى دەلىللەشتە ئىشلىتىلگەن ئېنزىم بەدەندىكى ئاپوئېنىزمنى 30 ھەسسە تىز سۈرئەتتە قان تىپىغا ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى، ھەمدە ئۇنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشكە بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

  ئامېرىكا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى داۋالاش ئىلمىنىڭ رەئىس دەرىجىلىك ئەمەلدارى لۇپىياڭ مېدىتسىنا ساھەسىدىكى بۇ ئۇلۇغ ئىلمىي بايقاشقا يۈكسەك باھا بەردى، ھەمدە بۇ ئۇلۇغ ئىلمىي بايقاش بولسا، قان بىلەن تەمىنلەش ۋە قان تېببىي تەرەققىياتى ئۈچۈن داغدام يول ئېچىپ بەردى، ئەگەر بۇ يېڭى تېخنىكا قان بېرىشكە ئىشلىتىلسە، قان يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر