باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاچ قورساق بەدەن چېنىقتۇرسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن

2017.05.31 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەۋەسكارلىرى، چېنىقىشتىن بۇرۇن ئازراق ئېنېرگىيە تولۇقلىۋېلىش ياكى تولۇقلىماسىق توغرىسىدىكى بۇ مەسىلە ئۈستىدە دائىم دېلى-غۇلى ھالەتتە بولۇپ كەلمەكتە. ئەنگلىيەدىكى ئەڭ يېڭى بىر تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئاچ قورساق چېنىقىش بەدەندىكى تېخىمۇ كۆپ ماينىڭ ئېرىشىگە ۋە شۇ ئارقىلىق، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن، مۇشۇ يوسۇندا چېنىقىشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەن.

  ئەنگلىيە باس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات خادىملىرى ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن 10 نەپەر ئەرنى پىدائىيلىققا قوبۇل قىلغان. بىر پىدائىي گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاچ قورساق ھالەتتە ۋە ئەڭ زور ئوكسىگېن سەرپىيات مىقدارى %60لىك كۈچ بىلەن 60 مىنۇت پىيادە ماڭغان، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر بولسا، كاربون سۇ بىرىكمىسىدىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەلىك ناشتىلىقنى يەپ، ئىككى سائەتتىن كېيىن، يۇقىرىدىكى يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر بىلەن ئوخشاش كۈچ سەرىپ قىلىپ پىيادە ماڭغان. ئۇلاردىن نەچچە خىل قان نۇسخىسى ۋە ماي توقۇلمىسى ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، شۇلار ئېنىقلانغانكى، ئىككى گۇرۇپپىدىكى پىدائىيلارنىڭ ماي توقۇلمىسىدىكى گېنلارنىڭ ئىپادىلىرىدىكى پەرقلىرى ئىنتايىن چوڭ بولغان.

  «ئامېرىكا فىزىيولوگىيە، ئىچكى ئاجرالمىلار ۋە مېتابولىزم ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلغان بۇ تۈر تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇنداق دەپ قارىغان: تاماقتىن كېيىن چېنىققاندا، بەدەندىكى ماي توقۇلمىسى يېمەكلىككە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە، بەدەندە پايدىلىق ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمايدۇ؛ ئاچ قورساق چېنىقسا، ماي توقۇلمىسىدا پايدىلىق ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ. ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈمى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر