باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇخلىيالمىسىڭىز ماۋۇ بىر قانچە ئەپچىل چارىنى سىناپ كۆرۈڭ

2017.03.23 11:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇيقۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان جەريان، بىر خىل بىئولوگىيەلىك رىتىم بولۇپ، ئۇ، ئادەم ھاياتىدىكى ۋاقىتنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگو ئۇيقۇ تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەت بويىچە تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، %38.2 جۇڭگو شەھەر ئاھالىلىرىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۇيقۇسىزلىق مەۋجۇت ئىكەن، ئاياللارنىڭ ئۇيقۇسىزلىق نىسبىتى ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا 1.4 ھەسسىسىدىن ئىككى ھەسسىسىگىچە يۇقىرى ئىكەن.

  ئۇيقۇ مەسىلىسى بىر تىببىي ئىلىم مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، خىزمەت ئۈنۈمى, ئائىلىنىڭ بەختى, جەمئىيەت ئىناقلىقى قاتارلىقلارغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلە ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا، پۈتۈن جەمئىيەت بۇ مەسىلىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

  ياخشى ئۇخلاش ئۈچۈن مۇنۇلارغا دىققەت قىلىڭ

  بىرىنچى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن كولا، كاكائو چاي ۋە شاكىلات دېگەندەك يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلماڭ، كەچلىك تاماقتا بەك تۇيۇپ كەتسىڭىزمۇ بولمايدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن قاتتىق ھەرىكەت قىلماڭ، كۆڭۈل ئىچىشقا بەك بىرىلىپ كەتمەڭ.

  ئىككىنچى، قاراڭغۇ، شاۋقۇنسىز، تېمپىراتۇرا مۇۋاپىق بولغان ياخشى ئۇخلاش مۇھىتى يارىتىڭ، كارىۋات بەك قاتتىق بولمىسۇن.

  ئۈچىنچى، ۋاقتىدا ئۇخلاڭ. ئۇخلاش ۋە ئورۇندىن تۇرۇش ۋاقتى مۇقىم بولسۇن، بۇ خىل ھالەتنى بايرام ۋە ئارام كۈنلىرىمۇ داۋاملاشتۇرۇڭ.

  تۆتىنچى، يانچە يېتىپ ئۇخلاش ئەڭ ياخشى. ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلىغاندا پۇت- قول مۇسكۇللىرى ئارام ئالالمايدۇ، قاتتىق ئۇخلىغاندا، قول ئىختىيارسىزلا كۆكرەك ئۈستىگە قويۇلۇپ قالىدۇ-دە، نەتىجىدە ئۇ ئاسانلا يامان چۈش كۆرۈشكە سەۋەبچى بولىدۇ؛ دۈم ياتقاندا كۆكرەك ۋە قورساق بېسىمغا ئۇچراپ، ئېغىز- بۇرۇنلار ئاسانلا ياستۇق بىلەن چىڭ سىقىلىپ قالىدۇ، بۇ خىل ھالەت يەنە ئاسانلا بويۇنغا يەل تۇرۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يانچە ياتقاندا، قول- پۇتلارنى ئارام ئالدۇرغىلى بولىدۇ، ئاسان خورەك تارتمايدۇ. ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ياتقاندا يۈرەك ئورنى يۇقىرى بولۇپ، قان ئايلىنىشقا پايدىلىق، ھەم جىگەرنى قوغدايدۇ. سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلىشى ئىنتايىن خەتەرلىك، بۇ خىل ئۇخلاش ھالىتى ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتىكى نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىشنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  بەشىنچى، ئۇخلاش يۆنىلىشىگە دىققەت قىلىڭ. باشنى شىمالغا، پۇتنى جەنۇبقا قارىتىپ ياتقاندا، بەدەن ماگنىت كۈچ سىزىقلىرى بىلەن ماسلىشىدۇ. بۇ، قان ۋە يەل يۈرۈشۈشىگە پايدىلىق بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئېنېرگىيە خوراشنى ئازايتىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

  ئالتىنچى، ئورۇندىن تۇرۇش سۈرئىتى بەك تېز بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم، ئويغىنىپلا تۇرۇپ كەتكەندە، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ. ئويغانغاندىن كېيىن، ئاۋۋال كارىۋاتتا يېتىپ تۇرۇپ پۇت-قوللار بىلەن بەزى ئۇششاق ھەرىكەتلەرنى قىلىۋېتىپ، ئاندىن كارىۋاتتىن چۈشۈش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر