خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 21- كۈنى، ئامېرىكا ۋاشىنگتوندىكى ئاق سارايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ (ئوتتۇرىدا) قانۇن لايىھەسى ئىمزالىدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 21-مارت بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالاپ، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ 2017-مالىيە يىلىدىكى 19 مىليارد 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق خام چوت لايىھەسىنى تەستىقلىدى ھەمدە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدىن 2033-يىلى مارسقا ئادەم چىقىرىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى