بۇ چەكلەش سىزىقى ئىچىدىكى خېنەن ئۆلكىسى پۇياڭ ناھىيەسى 3- تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرۋازا ئالدى (22- مارت تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22- مارت، خېنەن ئۆلكىسى پۇياڭ ناھىيەسى 3- تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھاجەتكە چىققاندا دەسسىلىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. 22 - مارت چۈشتىن كېيىن سائەت 3كە قەدەر، مەزكۇر ۋەقەدە بىر نەپەر ئوقۇغۇچى قازا قىلغان. 20 نەچچە نەپەر ئوقۇغۇچى يارىلانغان.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، يارىلانغان ئوقۇغۇچىلار دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ قۇتقۇزۇلدى، ۋەقەنىڭ سەۋەبى داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى