باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ھۆكۈمەت تور بېكىتى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2017.03.22 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- مارت، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ھۆكۈمەت تور بېكىتى − جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ، بىر يول تورى (www.yidaiyilu.gov.cn) رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، تور بېكىتىنىڭ مىكرو بىلوگى ۋە ئۈندىدارى تەڭ قەدەمدە ئېچىۋېتىلدى.

  جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ بىر يول تورى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تەرىپىدىن يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ ۋە دۆلەت ئۇچۇر مەركىزى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. مەزكۇر ھۆكۈمەت تورىنىڭ تەسىس قىلىنىشىدىكى ئاساسىي مەقسەت شۇكى، ئۇچۇر يەتكۈزۈش، مەدەنىي ئالاقە ۋە ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، كىشىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى زور مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق ئىدىيەسىنى ئىلمىي ۋە توغرا شەرھلەپ چۈشەندۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى «بىر بەلباغ، بىر يول»غا ئالاقىدار سىياسەت ۋە قانۇن-نىزاملارنى نوپۇزلۇق ئېلان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە يېڭى نەتىجىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئوبيېكتىپ تونۇشتۇرۇپ، يىپەك يولى بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش ئۈچۈن ئۇچۇر مۇلازىمىتى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلارمۇ ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر