سۈرەتتە: 22- مارت، خېنەن ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى يۈرەك قان تومۇرى ئىچكى بۆلۈمى 4- كېسەل رايونىنىڭ مۇدىرى چېن يەن (سولدا) رادىياتسىيەدىن ساقلىنىش كىيىمى كىيىپ ئۆتكۈزگۈچ تۇرۇبا ئۆي ئىچىدە ئوپېراتسىيە سايمانلىرىنى تەييارلىماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىشىلەر «ئاق خالاتلىق پەرىشتە» دەپ ئاتايدىغان تېببىي خادىملار ئىچىدە مۇنداق بىر توپ ئالاھىدە كىشى بار، ئۇلار بولسا «قوغۇشۇن كىيىملىك ئادەم»لەر. ئۇلار ھەر قېتىم بىمارنى ئوپېراتسىيە قىلغاندا، رادىياتسىيەدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوغۇشۇندىن ياسالغان ۋە ئېغىرلىقى 10 كىلوگرام ئەتراپىدىكى بۇ خىل كىيىمنى كىيىدۇ. رېنتېگىن نۇرىنىڭ نۇر رادىياتسىيەسى مۇھىتى ئاستىدا، «قوغۇشۇن كىيىملىك ئادەم»لەر ئوپېراتسىيەخانىدا مەشغۇلات قىلىپ، كېسەلنى داۋالاپ، ئادەمنى قۇتقۇزىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى