خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قاراقاش ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى، فوتوسى) 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمى كۈنىدە، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى قاراقاش چوڭ بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى. قاراقاش ناھىيەسىدىكى 16 يېزا-بازارغا قاراشلىق 362 كەنتتە ھەر ئۈچ-تۆت كەنتنى بىرلىك قىلىپ نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، قاراقاش ناھىيەسىدىكى 615 مىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ نورۇز بايرىمى تەبرىكلەندى.
سۈرەتتە: 3- ئاينىڭ 21- كۈنى، قاراقاش ناھىيەسى ئۇرچى يېزىسىنىڭ سېغىزلىق كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىدىن كۆرۈنۈشلەر
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى