خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-مارت، ئۈرۈمچىدىكى كىشىلەر لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قاردا ئەتىيازنىڭ جۇدۇنىنى ھېس قىلىۋاتقان چاغدا، 200 كېلومېتىر يىراقتىكى يالقۇنتاغ باغرىدىكى تۇيۇق يېزىسىدا، كىشىلەر ئىللىق باھارنىڭ كۈن نۇرىدا باغدا ھۆپپىدە ئېچىلغان ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلدى.
بۇ كۈنى، 8-نۆۋەتلىك پىچان «قۇملۇق باھارى» ساياھەت مەدەنىيىتى بايرىمى ۋە «تۇيۇقتىكى ئۆرۈك چېچىكى __ شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار» تېمىسىدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، نەچچە ئون مىڭلىغان ساياھەتچىنى يالقۇنتاغ باغرىدىكى تۇيۇق يېزىسىغا بېرىپ، ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.
خۇنەنلىك بىر ساياھەتچى مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بۇ يەرگە كېلىپ ھۆپپىدە ئېچىلغان ئۆرۈك چېچىكىنى كۆرۈشۈمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، ئەتىگەن ئۈرۈمچىدىن ئايرىلغاندا ھەممە يەرنى قار قاپلىغانىدى، بۇ يەردە باھار گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپتۇ. راستىنلا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۆرۈك چېچىكىدىن ھۇزۇرلىنالىشىم بۇ قېتىمقى ساياھىتىمدىكى بىر تۇيۇقسىز خۇشاللىق بولدى.»
يالقۇنتاغ باغرىدىكى تۇيۇق يېزىسىدا، مۇخبىر باغدا نۇرغۇن ئۆرۈك دەرىخىنىڭ چېچەكلىگىنىنى كۆردى. دەرەخ شاخلىرىدىكى ھالرەڭ چېچەكلەر ھۆپپىدە ئېچىلغان بولۇپ، ھەسەل ھەرىلىرى چېچەكلەردىن شىرنە يىغىش بىلەن ئالدىراش ئۇچۇپ يۈرەتتى. بەس-بەستە چېچەكلىگەن ئۆرۈك دەرەخلىرىنىڭ ئالدىدا ساياھەتچىلەر قەدىمىنى توختىتىپ، رەسىمگە چۈشۈۋالاتتى.
ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئەڭ ساپ 12 مۇقام سەنئەت نومۇرىدىن باشقا يەنە نان يېقىشنى سىناپ بېقىش، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق ئەنئەنىۋى مۇسابىقە پائالىيەتلىرىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى