باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئىچكى ئەزالىرى ئەكسىچە جايلاشقان تۆت ياشلىق قىز مىكرو زەخمىلىك ئوپىراتسىيە قىلىنىپ، يۈرىكىدىكى تۆشۈك ئېتىۋېتىلدى

2017.03.22 17:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بۇ تۆت ياشلىق قىزنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئەكسىچە جايلاشقان بولۇپ، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى «ئەكسىي ئادەم»لەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ مىكرو (بەك ئاز) زەخمىلىك ئوپىراتسىيەنى قوبۇل قىلغان كىشى ھېسابلىنىدۇ. ئوپىراتسىيىدىن كېيىن، تۆت ياشلىق مەرىپەت (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) دوختۇرخانىدىن چىقتى ۋە بۈگۈن يۇرتى ئاتۇشقا قايتتى.

  مەرىپەتنىڭ ئاپىسى ئارزىگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، مەرىپەت تەڭتۇشلىرى بىلەن مەھەللىدە ئويناپ ئازراق ئارىلىققا يۈگرىسىمۇ، دوستلىرىنىڭ خېلىلا كەينىدە قېلىپ قالاتتىكەن ھەمدە ئولتۇرۇپ دەم ئېلىۋالمىسا بولماي قالاتتىكەن، ھەر بىر پەسىل ئالماشقاندا، قىزى ئېغىر زۇكام بولاتتىكەن.

  2016- يىلىنىڭ بېشىدا، كەنتكە داۋالاش ئەترىتىدىكىلەر كەپتۇ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مەرىپەتنىڭ تۇغما خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى ئىكەنلىكىگە دىئاگنوز قويۇلۇپتۇ. داۋالاش ئەترىتىدىكىلەرنىڭ مەسلىھەت بېرىشى ئاستىدا، ئەر ئايال ئىككەيلەن مەرىپەتنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كەپتۇ ۋە دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ داۋالىتىپتۇ ھەمدە ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇپ داۋالىتىش قارارىغا كەپتۇ."ئۇ قېتىملىق ئوپىراتسىيە بالىنى ساقايتالمىدى." - دېدى ئارزىگۈل. ئوپىراتسىيە جەريانىدا، دوختۇر مەرىپەتنىڭ دادىسى ۋە ئاپىسىغا مۇنۇلارنى ئېيتقان: يەنى، ئوپىراتسىيەدە كۆكرەكنى يېرىپ ئاچقاندىن كېيىن بالىنىڭ «ئەكسىي ئادەم» (يەنى ئەينەكسىمان) ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى، بالىنىڭ يۈرەك ۋە جىگەر قاتارلىق ھەممە ئىچكى ئەزالىرىنىڭ جايلىشىشى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىنىڭ ئەكسىچە (يەنى ئەينەكسىمان) ئىكەنلىكىنى، ئەگەر يەڭگىللىك بىلەن ئوپىراتسىيە قىلىنسا، بالىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  بۇ يىل باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، ئەر ئايال ئىككەيلەن يەنە ئۈرۈمچىگە كېلىپ بالىنى داۋالاتقان. شىنجاڭ يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، بالىنىڭ بۇ خىل تۇغما يۈرەك كېسىلىنىڭ ئەمەلىيەتتە يۈرەك دالانچە ئارىلىق پاسىلى كەمتۈك بولۇش سەۋەبىدىن بولغانلىقى، ھەمدە دالانچە ئارىلىق پاسىلىدا 1.9 سانتىمېتىر تۆشۈك بارلىقى، بۇ، ئارتېرىيە ۋە ۋېنا قېنىنىڭ ئارىلىشىپ ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى قاتارلىقلار ئېنىقلانغان.

  مەرىپەتنىڭ مەسئۇل دوختۇرى سۈن باۋ مۇنداق دېدى: دالانچە ئارىلىق پاسىلىدىكى كەمتۈكلۈكنىڭ تەسىرى بالا كىچىك ۋاقتىدا ئانچە بىلىنىپ كەتمەيدۇ. بالىنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، يۈرەكتىكى بۇ تۆشۈك شۇ يۈرەكنىڭ قېلىنلاپ چوڭىيىپ كېتىشى ۋە قىسقىراش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشى قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا يۈرەكنى زەئىپلەشتۈرۈپ، ھاياتقا خەۋپ ئېلىپ كېلىشىمۇ مۇمكىن.

  مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى، يۈرەك تاشقى كېسەللىكلەر مۇدىرى چېڭ رۈي مۇنداق دېدى: "ئالدىنقى قېتىملىق ئوپىراتسىيەدىكى يارا ئېغىزى كۆكرەك بوشلۇقى ۋە يۈرەك قاتارلىق ئەزالاردا ئۆزئارا چاپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا، ئەگەر كۆكرەكنى قايتا يېرىپ ئاچساق، ئوپىراتسىيەنىڭ قىيىنلىقىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، كۆكرەك بوشلۇقىغا چاپلىشىپ قالغان ئەزالارنىڭ زەخمىگە ئۇچرىشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ." چېڭ رۈي بالىغا ئىچكى بۆلۈم بىلەن كېڭىشىپ دىئاگنوز قويۇشنى ئىلتىماس قىلدى، ئاخىرىدا دوختۇرخانا ئۇلترا ئاۋاز ئارقىلىق يېتەكلەشنى قوللىنىپ، بالىغا نەيچە كىرگۈزۈپ ئوپىراتسىيە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى قارار قىلدى.

  10-مارت، مەرىپەت ئوپىراتسىيە ئۆيىگە ئېلىپ كىرىلدى. يېرىم سائەتتىن ئارتۇقراق يېتەكلەش ۋە تەڭشەش ئارقىلىق، بىر دانە كىچىك «كۈنلۈك» مەرىپەتنىڭ يۈرىكىگە ئورنىتىلىپ، يۈرەك دالانچىسىدىكى كىچىك تۆشۈك ئېتىۋېتىلدى.

  ئارزىگۈل مۇنداق دېدى: بۇ ئوپىراتسىيە بالامنى ساقايتىپلا قالماي، بالامدا يەنە چوڭ يارا ئېغىزىمۇ قالدۇرمىدى. يارا ئېغىزى پەقەت ئوڭ تەرەپ چات ئېرىقچىسىدا بىر تال پۇرچاق چوڭلۇقىچىلىكلا بولۇپ، ئۇنى ئادەتتە دورىلىق چاپلاق بىلەنمۇ ئېتىپ قويغىلى بولىدۇ.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، بۇ دوختۇرخانا مەرىپەت ئۈچۈن قۇتقۇزۇش فوندى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، مەرىپەتنىڭ ئائىلىسى 24 مىڭ يۈەنلىك ئوپىراتسىيە چىقىمىنىڭ پەقەت ئىككى مىڭ يۈەنىنىلا تۆلىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر