باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئۆز قىزلىرىنى ياردەمچىلىككە تەكلىپ قىلغانلىق سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلدى

2017.03.22 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە دۆلەتلىك پۇل مۇئامىلە تەپتىش مەھكىمىسى 21- مارت مۇنۇلارنى جاكارلىدى: شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى برونو لېروۋ پارلامېنت ئەزاسى بولۇش مەزگىلىدە ئۆز قىزلىرىنى ياردەمچىلىككە تەكلىپ قىلغان بۇ ئىش ئۈستىدىن تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

  فىرانسىيە دۆلەتلىك پۇل مۇئامىلە تەپتىش مەھكىمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش، پۇل مۇئامىلە ۋە باج جىنايىتىگە زەربە بېرىش مەركىزىي ئىشخانىسى ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بېرىشقا مەسئۇل بولىدىكەن.

  پارلامېنت ئەزاسى بولغان مەزگىلىدە ئۆز قىزلىرىنى ياردەمچىلىككە تەكلىپ قىلغان بۇ ئىش ئۈستىدىن زۇڭلى كازېنېۋغا دوكلات بېرىش ئۈچۈن، لېروۋ شۇ كۈنى، ئۆزىنىڭ بارلىق سىرتقا چىقىش سەپەرنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

  فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 20- مارت ئاشكارىلىشىچە، 2009- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە، لېروۋ پارلامېنت ئەزاسى بولغان مەزگىلىدە ئىككى قىزىنى كۆپ قېتىم قىسقا مۇددەتلىك ياردەمچىلىككە تەكلىپ قىلغان ھەمدە ئۇلارغا 55 مىڭ ياۋرو ئىش ھەققى بەرگەن ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر