- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللاردا يېڭى پويىز قاتناش خەرىتىسى يولغا قويۇلىدۇ
2017.03.22 16:14 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىدىن ئۇقۇشىچە، 16-ئاپرېل سائەت نۆلدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللاردا يېڭى پويىز قاتناش خەرىتىسى يولغا قويۇلىدىكەن، تەڭشەشتىن بۇرۇنقىدىن51 چاقماق پويىز كۆپەيتىلىدىكەن. قاتناش خەرىتىسى تەڭشەلگەندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللاردا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزى 3615 جۈپكە يېتىدىكەن. يولۇچىلار كۆپ بۆلەكلەرنىڭ بېسىمى مەلۇم دەرىجىدە پەسىيىدىكەن.
كارىۋاتلىق چاقماق پويىز قاتناش لايىھەسى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرىلىدۇ، كۈندۈزى قاتنايدىغان بەزى كارىۋاتلىق چاقماق پويىزلار يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، ئوتتۇرا، ئۇزۇن مۇساپىلىك يولۇچىلارنىڭ سەپەر ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ.
تۆمۈر يول تارماقلىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: بۇ قېتىمقى پويىز قاتناش خەرىتىسىنى تەڭشەشكە ماسلىشىش ئۈچۈن 14-ئاپرېلدىن كېيىن قاتنايدىغان پويىزلارغا 21-مارتتىن باشلاپ بېلەت سېتىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر