باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يەر شارىلاشتۇرۇش يولۇقۇۋاتقان خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش كېرەك

2017.03.22 16:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەر شارىنىڭ ئۆز-ئارا تايىنىشى شۇنداق يۇقىرى بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئېقىمغا قارىشى ئىش قىلىش دۇنيا ئىقتىسادىغا زۆرۈر بولمىغان ئازابلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. دۇنيا بانكىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغىنىغا ئۈچ ئايمۇ بولمىغان گىئورجىيېۋا بېيجىڭدا يەرشارىلاشتۇرۇش يولۇقۇۋاتقان خىرىستىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئۇ جۇڭگو تەرەققىيات مۇنبىرى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىنىڭ بۇ يىللىق يىغىنىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: بىز شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، مەيلى رايون قاتلىمىدىن بولسۇن، ياكى يەر شارى قاتلىمىدىن بولسۇن مەسىلىلەرنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئويلىشىمىز كېرەك، دەل جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى دېگەندەك. ئەگەر يەر شارىلاشتۇرۇش كەينىگە يېنىپ كېتىدىغان بولسا، ھەرقايسى تەرەپلەر ئۇتتۇرغۇچى بولىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: يەر شارىلاشتۇرۇشنىڭ دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن پايدىسىغا گەپ كەتمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭدىن ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىسمەن دۆلەت، رايون، قىسمەن ئاممىنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تولۇق تونۇپ يېتىش كېرەك ھەمدە بۇنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش لازىم.

  تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردىكى بىر چوڭ قىزىق تېما بولدى. گېىئورجىيېۋا مۇنداق دەپ قارىدى: يەر شارىكى 2-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولغان جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش شەكلىدە ئۆزگىرىش ياسىشى، ئىچكى ئىستېمالغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى، يەر شارىنىڭ قىممەت زەنجىرىنى ئۇزارتىشى دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: دۇنيا بانكىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بىز جۇڭگونىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى قانات يايدۇرۇشى خېلى يامان ئەمەس بولدى، دەپ قارايمىز. تېخىمۇ كەڭ قاتلامدىن قارىغاندا، جۇڭگوغا پايدىلىق بولغان قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات دۇنيا ئىقتىسادىغا مەلۇم دەرىجىدە پايدا يەتكۈزدى.

  ئۆتكەن يىلىدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدىن بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر بەلباغ، بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىگىچە، گېئورجىيېۋا مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو يەر شارىنى تىزگىنلەشكە تېخىمۇ پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن قول تىقىشى ھەمدە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئۇ ئالاھىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى جۇڭگوغا نىسبەتەن پۇرسەتتىن دېرەك بېرىپلا قالماستىن، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا پۇرسەت.

  بۇلغارىيەدە تۇغۇلغان گئورجىيېۋا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلىمدىن تەڭ بەھرىلىنىش شەكلى بىلەن خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرىدىن تەرەققىيات دەرىجىسى بىر قەدەر كەينىدە قالغان دۆلەت ۋە رايونلارنى بەھرىمەن قىلماقتا.

  ئۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدى، ئۆتكەن يىلى كارخانىلارنىڭ ئازايغان بېجى500 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشى تەبىئىيلا مالىيە باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا ماسلاشتى، جۇڭگونىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىسلاھاتى شەك-شۈبھىسىز توغرا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بىر قاتار مالىيە باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئارقىلىق، يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە كارخانىچىلارنىڭ روھى جانلاندى. بۇ ئىسلاھاتلار جۇڭگونىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە ئاساس سېلىپ بەردى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ئېنېرگىيە ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولدى ھەمدە دۇنياغا نەپ يەتكۈزدى.

  جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ھەمكارلىق شېرىكى بولغان دۇنيا بانكىسى نامراتلارنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردە جۇڭگو بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. گېئورجىيېۋا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۆتكەن يىلى نامرات نوپۇستىن ئون مىليوننى ئازايتتى. بۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغان نەتىجە.

  يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان دۇنيا بانكىسى جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ نامراتلارنى ئازايتتى، ھازىر ئەڭ مۇھىمى نامراتلارنى يۆلەش دەل جايىدا بولۇۋاتىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى قانداق قىلىپ مېخانىزملاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز. جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىلىرىدىن باشقا دۆلەت ۋە رايونلارنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر