باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ھەربىي مەشىق تۈزۈمى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان 28 مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى مەلۇم قىلدى

2017.03.22 16:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى مەشىقنى باشقۇرۇش بۆلۈمى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىرلىشىپ «ھەربىي ئىشلار مەشىق تۈزۈمى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى» تارقاتتى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھەربىي مەشىقنى ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش مەشىقىگە ئايلاندۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەشىق ئەمەلىي ئۇرۇشقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىدىيە ۋە ھەرىكەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تېپىپ چىقىش كېرەك. مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىشخانىسى «ھەربىي مەشىق تۈزۈمى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ 28 مەسىلە ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى» تارقاتقاندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا ئارمىيەسى پارتكوملىرى ۋە ھەربىي ئىشلار كومىتېتى مەشىقنى باشقۇرۇش بۆلۈمى مەلۇم قىلىنغان مەسىلىلەر چىققان تەشكىلاتنى بىرمۇ بىرمۇ تەكشۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈردى، ئالاقىدار مەسئۇل ئورۇن ۋە مەسئۇل كىشىنى بىر تەرەپ قىلدى ، بۇ 57 ئورۇن، 99 كادىرغا چېتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر