باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يەر شارى ئىقتىسادىنى تىزگىنلەشتە ئورتاق تونۇش ئىختىلاپتىن زور

2017.03.22 16:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2017-يىللىق يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنى 18-مارت گېرمانىيەنىڭ بادېن- بادېندا ئاياغلاشتى. يىغىندا ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆتكەن يىلقى يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدىن بۇيانقى بىر يۈرۈش مۇھىم سىياسىي ۋەدىلىرىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئىقتىسادنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇش ھەققىدىكى بىر يۈرۈش پىرىنسىپلار ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق مۇھىم قارالمىلار جەھەتتە ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئويىلىغاندەك بولماسلىقى، تۆۋەنلەش خەۋپىنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىدەك ۋەزىيەتكە قارىتا، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بەزى قارالمىلاردا ئىختىلاپى بولۇپ، يەر شارى ئىقتىسادىنى تىزگىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورتاق تونۇشى ئىختىلاپتىن زور بولدى.

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش لىدىرى لاگاردى مۇنداق دېدى: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا يەتكەنلىكى ھەققىدە ئالامەتلەر كۆرۈلدى، ئەمما ئېنىقسىزلىق ئامىلى يەنىلا مەۋجۇت. ئۇ خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەمدە كۈچلۈك پۇل سىياسىتى، مالىيە سىياسىتى ۋە قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئاشۇرۇش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان ئېشىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يالغۇز پۇل سىياسىتىگە تايىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەك، يەنە جانلىق ئېشىش تىپىدىكى دوستانە مالىيە سىياسىتىنى قوللىنىشىمىز، بولۇپمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىشىمىز ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئاكسىيە ۋە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى نىسبىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز ھەمدە يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قارالمىسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سىياسەتلەر ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىزدىنىشىمىز كېرەك.

  يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى پرېۋوت نىسبىتى مەسىلىسىدە كەلگۈسى خەۋپكە تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادنىڭ ئېلاستىكلىقىنى كۈچەيتىشنى بۇ يىلقى يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنىدا ئالدىن ئويلىشىدىغان قارالما قىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا ھەر قايسى تەرەپلەر ئىقتىسادنىڭ ئېلاستىكلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر يۈرۈش پىرىنسىپلار ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى، بۇ پىرىنسىپلار يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خانبۇرگ ھەرىكەت پىلانىغا كىرگۈزۈلىشى مۇمكىن.

  گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرلىقى يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىقتىساد ئېلاستىكلىقى پىرىنسىپى توغرىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئىقتىسادنىڭ ئېلاستىكلىقى» قۇرۇلمىلىق خىرىسقا مۇناسىۋەتلىك خېيىم خەتەر ۋە بېسىم ئاستىدا ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىقتىدارنى كۆرسىتىدۇ. زەربىگە تاقابىل تۇرۇش، خېيىم-خەتەردىن ساقلىنىش، تەڭپۇڭسىزلىق ۋە ئاجىز نۇقتا ئىقتىدارى، ئېغىر زەربىنى پەسەيتىش ۋە ئۇنى يېڭىش ھەمدە ئىمكانىيەتلىك ئېشىش ئىقتىدارىنى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش.

  20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىقتىساد ئېلاستىكلىقى پىرىنسىپى ئەمەلىي تارماق، ئاممىۋى مالىيە، خۇسۇسىي پۇل-مۇئامىلە، پۇل سىياسىتى، سىرتقا چېتىلىدىغان تارماق قاتارلىق بەش تەرەپكە چېتىلىدۇ.

  گېرمانىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرى نىيبورى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن، يەر شارىدا ئىقتىسادى خېيىم-خەتەر داۋاملىق مەۋجۇت بولدى، ھەتتا بەزى قاراشلاردا خېيىم-خەتەر كۆپەيدى، دەپ قارالدى. شۇڭلاشقا، ھەر قايسى دۆلەتلەر چوقۇم خېيىم-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشى كېرەك.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ ئېلاستىكلىق پىرىنسىپى- 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سىياسەت تەكلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە بازارنى ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى، بۇ سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، نىيبۇرى يەنە جۇڭگونىڭ سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش جەھەتتىكى سىجىل تىرىشچانلىقىنى ماختىدى.

  20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان جۇڭگو بۇ قېتىمقى 20 دۆلەت گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزى بانكا باشلىقلىرى يىغىنىدىكى مۇنازىرىدە ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇردى.

  جۇڭگونىڭ مالىيە مىنىستىرى شاۋ جى جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ يازما زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: يەر شارى ئىقتىسادى يېڭى ۋەزىيەتكە، يېڭى خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، 20 دۆلەت گۇرۇھى خەلقئارا ئىقتىسادى ھەمكارلىق ئاساسى سۇپىسىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولدى.

  شاۋ جىي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر 2016-يىلدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇشى، ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش، خەلقئارا باج يېغىش ھەمكارلىقى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، 20 دۆلەت مېخانىزمىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  ئۇ مۇنداق دېدى: 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ماكرولۇق ئىقتىسادى سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ماكرولۇق ئىقتىسادى سىياسەتنى تۈزۈشى ۋە يولغا قويۇشى كېرەك. ئاساسلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر سىياسەتنىڭ ئېنىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، بازار ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، سەلبىي تەسىرنى ئازايتىپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر يەنە يەرشارى سودىسى ۋە مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇشى، سودا قۇرۇقچىلىقىغا قەتئىي تەۋرەنمەستىن قارشى تۇرۇشى، كۆپ تەرەپلىك تۈزۈلمىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى قوغدىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر