باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

غەربىي رايون ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى 237 كادىر مەركەزدىكى ئورۇنلارغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا بارىدۇ

2017.03.23 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى ۋە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان 2017-يىللىق غەربىي رايون ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلىدىغان كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى 22-مارت بېيجىڭدا ئېچىلدى. غەربىي رايون، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى ۋە ئىلگىرىكى مەركىزىي سوۋېت رايونىدىكى 19 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن كەلگەن، مەركەزدىكى ئورۇنلارغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلىدىغان 237 كادىر كۇرسقا قاتناشتى.

  ئۈچ كۈنلۈك كۇرستا، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلىدىغان كادىرلار پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى مەخسۇس ئۆگىنىدۇ. كۇرس ئاياغلاشقاندىن كېيىن ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلىدىغان كادىرلار 87 مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى، دۆلەتنىڭ مۇھىم تايانچ كارخانىلىرىغا بىر يىللىق ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئاتلىنىدۇ.

  مەركەزدىكى ئۈچ مىنىستىرلىق، كومىتېتنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى كۇرسقا قاتناشقاندا، كۇرسانتلاردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پۇرسەتنى قەدىرلەپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىنتىزامغا قاتتىق بويسۇنۇپ، ئۆز ئىقتىدارى، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ خىزمەت 1990-يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جەمئىي 9000دىن ئارتۇق كادىر ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا قاتناشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر