باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئاپەت يەتكۈزمىدى

2017.03.23 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-مارت كەچتىن 21-مارت چۈشكىچە داۋاملاشقان قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش ھاۋا رايى ئۆزگىرىشى ئۈرۈمچىنىڭ دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئاپەت يەتكۈزمىدى. بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغانغا قەدەر، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەر قايسى رايون، ناھىيەلىرىدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاپەت ئەھۋالى كۆرۈلمىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا كۆرۈلگەن قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش ھاۋا رايى ئۆزگىرىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئاپەت يەتكۈزمىگەن.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى تېرىقچىلىق باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، شىمالىي شىنجاڭ رايونى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش باسقۇچىدا ئىكەن، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتى تېخى تولۇق باشلانمىغان. بەزى بىر رايونلاردا كۆرۈلگەن قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش ھاۋا رايى ئۆزگىرىشى كۈزگى بۇغدايغا پايدىسىز تەسىر ئېلىپ كەلمىگەن، قار ئاساسلىقى بەزى رايونلارنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر