باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان 10 تىپىك مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2017.03.23 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىستىلنى توغرىلاش ۋە ئىنتىزامنى چىڭىتىشتەك يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىنتىزامنى يەنىمۇ چىڭىتىپ ۋە قىسىملارنى تەربىيەلەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى رەھبەرلىرىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، يېقىندا، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېڭى يىل ۋە چاغان مەزگىلىدە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىغان مەسىلىلەرنىڭ يىپ ئۇچلىرى بىر تەرەپ قىلىنغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 10 تىپىك مەسىلىنى پۈتۈن ئارمىيەگە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ھەمدە ئۇلارنى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى ئاشكارىلاش سۇپىسىدا ئېلان قىلدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ئۇ 10 مەسىلە بولسا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئاتچوت قىلىش، شەخسى مېھمانلىرىنى ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن كۈتۈش، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا زىياپەت قىلىپ ھاراق ئىچىش ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش ۋە ئىشلىتىش قاتارلىق سەككىز جەھەتتىكى مەسىلىلەرگە چېتىلغان، يەتتە ئورۇننىڭ پارتكومى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى، 19 نەپەر رەھبىرىي كادىرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى، 46 نەپەر بىۋاسىتە جاۋابكارغا ئىنتىزام جازاسى بېرىلدى ياكى ئۇلار تەشكىل تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر