باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرىدە جامائەت ئىناۋەت سۇپىسى ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلدى

100 مىڭ ئادەم ئىناۋەتسىز «قارا تىزىملىكى»گە چىقتى

2017.03.23 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرىدە ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جامائەت ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سۇپىسىغا تايىنىپ، كارخانا ۋە شەخسلەر ئۈچۈن ئىناۋەتنى يوقىتىپ قويغانلارنى جازالاش ۋە لەۋزىدە تۇرغانلارنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىرلەشمە تەنبىھ بېرىشتەك تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە: نۆۋەتتە شەھەردە تەخمىنەن 100 مىڭ ئادەم ئىناۋەتسىز ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 20 مىڭ ئادەم ئالىي دەرىجىلىك پويىز بېلىتى سېتىۋېلىشتا چەكلەنگەن، ئالاقىدار تارماقلار يەنە قانۇنغا خىلاپ قۇرۇلۇشنىڭ دەۋالاشقۇچىلىرىنىڭ 3665 جايدىكى ئۆي-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىپ قويغان. پۈتۈن شەھەر بويىچە بىرلەشمە تەنبىھ بېرىش ئارقىلىق ھەيۋىسىينى كۆرسىتىپ قويۇش نەتىجىسىدە، %16 «سەمىمىيسىزلەر» ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئۆزلۈكىدىن ئادا قىلىپ كېلىشىم ھاسىل قىلغان، باج قانۇنىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان %50گە يېقىن ئالاقىدار تەرەپلەر تېگىشلىك باجنى تولۇقلاپ تاپشۇرغان، قانۇنغا خىلاپ قۇرۇلۇشلارنىڭ %20 دەۋالاشقۇچىلىرى قانۇنغا خىلاپ سېلىنغان قۇرۇلۇشلارنى ئۆزلۈكىدىن چېقىۋەتكەن.

  نۆۋەتتە، بېيجىڭ شەھىرىدە جامائەت ئىناۋەت ئۇچۇرى مۇلازىمەت سۇپىسى ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلدى، مەزكۇر سۇپىدا 55 تارماقتىكى كارخانىلارنىڭ 75 مىڭ دانە ئىناۋەت ئۇچۇرى، 25 تارماقتىكى شەخسلەرنىڭ يۈز مىليون دانە ئىناۋەت ئۇچۇرى، 9900 ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرى ۋە 11 مىڭ كەسپىي ئورۇننىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرى توپلانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر