- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالما شىركىتى قىزىل رەڭلىك iPhone 7/7 Plusنى ئېلان قىلدى
ئەڭ تۆۋەن سېتىش باھاسى 6188 يۈەن
2017.03.23 15:11 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 21- مارت، ئالما شىركىتى ھۆكۈمەت تورى iPhone 7/7 Plus يان تېلېفوننىڭ قىزىل رەڭلىك نۇسخىسى، يەنە ئىچكى سىغىمى چوڭايتىلغانiPhone SEنى ئېلان قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، قىزىل رەڭلىك ئالما يان تېلېفونى iPhone 7 ۋە 7Plusنىڭ سېتىلىشى رەسمىي باشلاندى، ئەڭ تۆۋەن سېتىش باھاسى 6188 يۈەن. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەردە دېيىشىچە: جۇڭگولۇقلار دەل قىزىل رەڭنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، جۇڭگو يەنە ئالما ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننىڭ بىر يوشۇرۇن چوڭ بازىرى ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ خىل قىزىل رەڭلىك iPhone 7/7 Plus يان تېلېفون ئالاھىدە نۇسخا قىلىپ ياساپ چىقىرىلغان، لېكىن ئۇ پەقەت جۇڭگو رايونىدا سېتىلىش بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن.
ئابۇنىچىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىۋاتقىنى ئۇنىڭ سېتىلىش ۋاقتى بولۇپ، ئۇنىڭدا، ئىككى خىل ئالاھىدە نۇسخا 24- مارت (جۈمە) كەچ سائەت 11دىن بىر مىنۇت ئۆتكەندە زاكاز قىلىش باشلىنىدىكەن. ھەمدە 3- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئامېرىكا ۋە 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايونلاردا خېرىدارلارغا مال يەتكۈزۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاۋسترالىيە، بېلگىيە، كانادا، جۇڭگو، فىرانسىيە، گېرمانىيە، جۇڭگو شياڭگاڭ، ئىتالىيە، ياپونىيە، مېكسىكا، گوللاندىيە، زېللاندىيە، رۇسىيە، سىنگاپور، كورېيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، شىۋېيتسارىيە، تەيۋەن، تايلاند، ئەنگلىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بار ئىكەن. بىرازىلىيە، چىلى، كولومبىيە، ھىندىستان، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەت ياكى رايونلاردا 4- ئايدىن باشلاپ مال تارقىتىش باشلىنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر