باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خابى بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى تىجارەت باشلىدى

2017.03.23 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-مارت، پاكىستان خابى بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى)نىڭ يېڭىلىق يارىتىش مەيدانىدا رەسمىي تىجارەت باشلىدى. بۇ، پاكىستان خابى بانكىسىنىڭ جۇڭگودا تەسىس قىلىنغان تۇنجى تىجارەت خاراكتېرىدىكى ئاپپاراتى بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدىكى تۇنجى چەت ئەل مەبلىغىدىكى بانكا باش ئىشتابى ھېسابلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، خابى بانكىسى پاكىستاندىكى ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى بانكا بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئاساسلىق پۇل مەركەزلىرىنىڭ ھەممىسىدە تارماق ئاپپاراتلىرى بار.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گاۋ فېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خابى بانكىسىنىڭ جۇڭگودىكى تۇنجى تىجارەت ئاپپاراتىنى ھەم باش ئىشتابىنى ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا قۇرۇشى نۆۋەتتىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى تەرەققىيات چوڭ ئەندىزىسىگە قارىتا چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى بولۇپ، خابى بانكىسى چەت ئەل بازارلىرىنى ئېچىش، ئۆز تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، «جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەرەققىيات مېۋىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر