باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

باش باھاردا بېرىپ ئاپتاپقا قاقلىنىپ زەھەرنى يوقىتىشتىكى ئەڭ ئىلمىي كۈتۈنۈش قوللانمىسى

2017.02.14 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش باھاردا ئاپتاپقا قاقلانغاندا، بەدەندىكى زەھەرنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

  كونىلار، باھاردا «ھەممە گىياھ قايتا بىخلىنىدۇ، ھەممە كېسەل قايتا قوزغىلىدۇ»، دەيدۇ.قايتا جانلىنىدىغىنى گىياھلارلا بولۇپ قالماستىن، يەنە قىشلىق ئۇيقۇغا كەتكىلى ئۇزۇن بولغان كېسەللىكلەرمۇ بار.

  چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا تەبىئەت دۇنياسىدىكى مۇسبەت قۇۋۋەت جۇش ئۇرۇشقا باشلايدۇ. مۇسبەت قۇۋۋەت يېتەرلىك بولغاندا، ئۇ بەدەندىكى كېسەللىكلەرگە زەربە بېرىپ، كېسەللىكلەرنى بەدەن سىرتىغا قوغلاپ چىقىرىدۇ، ئەگەر مۇسبەت قۇۋۋەت يېتىشمىسە ياكى چەكلىمىگە ئۇچرىسا، ھەر خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى قايتىدىن باش كۆتۈرىدۇ.

  مۇسبەت قۇۋۋەتنى ياخشىلاپ زەھەرنى ھەيدەيدىغان بىر ياخشى ئامال بار، ئۇ بولسىمۇ كۆپرەك ئاپتاپقا قاقلىنىش!

  ئاپتاپقا قاقلىنىشنىڭ نۇرغۇنلىغان پايدىلىق تەرەپلىرى بار!

  بىرىنچى، ئاق قان كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ سانتىياگو تېببىي ئىنستىتۇتى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، يۇقىرى كەڭلىك رايۇنلاردىكى كىشىلەر كۆپ ھاللاردا قۇياش نۇرى، بىنەپشە B نۇرى بىلەن بەك ئاز ئۇچرىشىدۇ، بۇ بەدەندىكى ۋىتامىن Dنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن, ئاق قان كېسىلى (قان راكى)گە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېكۋاتوردىكىلەردىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن.

  بۇنىڭ ئىچىدىكى ھالقىلىق بولغان ۋىتامىنD نىڭ يېمەكلىك مەنبەسى كەمچىل، ۋىتامىنD نىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى يەنىلا تېرە ئۇچراشقان ئۇلترا بىنەپشە نۇر بولۇپ، ئۇلترا بىنەپشە نۇر تېرىگە چۈشكەندىن كېيىن، ۋىتامىنD نى بىرىكتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئىككىنچى، قان بېسىمىنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ.

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىي ئامپتون ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، تېرە قۇياش نۇرىنى قوبۇل قىلغاندا قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ سەكتە بولۇشىنىڭ ۋە يۈرەك كېسىلى قوزغىلىشنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. چۈنكى قۇياش نۇرى ئازوت (Ⅱ) ئوكسىدنىڭ قان ۋە تېرىدىكى مىقدارىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ ئارقىلىق قان بېسىمى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىدىكەن.

  ئەلۋەتتە, قۇياش نۇرى بىلەن كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولمايدۇ. زىيادە بولغان ئۇلترا بىنەپشە نۇرمۇ ئادەمنىڭ ئىنكاسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، يەنە تېرە كېسىلىنىمۇ پەيدا قىلىدۇ.

  ئۈچىنچى، دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

  چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، مۇۋاپىق ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئادەم بەدىنىنىڭ بىر خىل سېمىزلىك ۋە Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ تەرەققىياتىنى كېچىكتۈرىدىغان مۇھىم ئاقسىلنى ئاجرىتىپ چىقىرىشىغا پايدىلىق ئىكەن. ئۇلار, تېرىنىڭ قۇياش نۇرىغا قاقلىنىپ تۇرغاندا قويۇپ بەرگەن ئازوت Ⅱ ئوكسىدنىڭ ماددا ئالمىشىش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ خىل ماددىلار يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش ۋە يېمەكلىكلەر بىلەن شېكەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، دىيابېت كېسەللىكى قاتارلىق زىيانلىق ماددا ئالمىشىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى بار ئىكەن.

  تۆتىنچى, مېڭە ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

  ئەنگلىيە ئېكىستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ۋىتامىن D كەمچىل بولغان ياشانغان كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا ئۇلارنىڭ مېڭە ئىقتىدارى چېكىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %50دىن يۇقىرى بولىدىكەن. ۋىتامىن D ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولغان ياشانغانلارنىڭ مېڭە ئىقتىدارى چېكىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى %125كە يېتىدىكەن. تەتقىقاتچىلار، قۇياش نۇرىغا قاقلانغاندا، بەدەن ۋىتامىن Dنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

  ئاپتاپقا قاقلىنىش يېتەكچىسى

  ئاپتاپقا قاقلىنىشنى ئۇنچە ئاددىي دەپ قارىماڭ، ئاپتاپقا قاقلىنىشنىڭمۇ نۇرغۇن قائىدىلىرى بار.

  بىرىنچى، ئاپتاپقا قاچان قاقلىنىش كېرەك؟

  ئاپتاپقا چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندىن ئاۋال، چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن كېيىنكى ۋاقىتنى تاللاش كېرەك، بۇ ۋاقىتتا ئۇلترا بىنەپشە نۇر تۆۋەنلەپ، قۇياش نۇرى بىر قەدەر ئىللىق بولىدۇ.

  ئىككىنچى، ئاپتاپقا قانچىلىك ۋاقىت قاقلىنىش لازىم؟

  ياشانغانلارنىڭ بەدەن ساپاسى ياشلارنىڭكىدەك ياخشى بولمايدۇ، شۇڭا ئاپتاپقا ھەر كۈنى بىر سائەت، ھەر قېتىم 20 مىنۇت قاقلانسا بولىدۇ. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشلارنىڭ بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى كۈچلۈك، كالتسىينىڭ ئېقىپ كېتىشى تېز بولغاچقا، بىر قەدەر كۆپ مىقتاردىكى ۋىتامىن D تولۇقلاش لازىم بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت قاقلىنىشى لازىم. ھەر كۈنى ئاپتاپقا بىر ياكى ئىككى سائەتچە قانلانسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئاپتاپقا قەيەرنى قاقلىنىش كېرەك؟

  ئادەم بەدىنىنىڭ قورساق قىسمى مەنپىي قۇۋۋەتلىك، دۈمبە قىسمى مۇسبەت قۇۋۋەتلىك بولىدۇ. ئادەمنىڭ دۈمبە قىسمىدا سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر باش تومۇر بار بولۇپ، ئۇ باش تومۇر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە «مۇسبەت تومۇرلار دېڭىزى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، پۈتۈن بەدەندىكى مۇسبەت قۇۋۋەتنى ىتىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ. دۈمبىنى قاقلاپ قىزىتقان ۋە راھەتلەندۈرگەندە، ئادەم بەدىنىدىكى مۇسبەت قۇۋۋەت يېتەرلىك بولۇپ، بەدەننى ئىچ-ئىچىدىن تەڭشەيدۇ. جۇڭگو تېبابىتىدە «دۈمبە مۇسبەت قۇۋۋەتتۇر، يۈرەك ۋە ئۆپكىنى باشقۇرىدۇ» دەيدىغان گەپ بار، دۈمبىنى دائىم ئاپتاپقا سالغاندا، يەنە يۈرەك ۋە ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

  ئەسكەرتىش:

  بىرىنچى، ياشانغانلار ئەڭ ياخشىسى يالغۇز يېتىپ ئاپتاپقا قاقلانماسلىقى كېرەك. دىققەت قىلماي ئۇخلاپ قالغاندا، ئاسانلا شامالداپ زۇكام بولۇپ قالىدۇ. بىر نەچچە ئادەم بىر يەرگە يىغىلىپ، ئاپتاپقا قاقلانغاچ، پاراڭلاشقاندا، ھەم قاننى جانلاندۇرىدۇ، ھەم كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ.

  ئىككىنچى، تېنى ئاجىزلار ئاپتاپقا قاقلانماسلىقى كېرەك، ئاپتاپقا قاقلانغاندىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك، تېنى ئاجىزلار ئاپتاپقا بەك ئۇزۇن قاقلانماسلىقى، ئەگەر بىئاراملىق ھېس قىلغاندا، دەرھال ئۆيگە قايتىش لازىم.

  ئۈچىنچى، يۇقىرى قان بېسىمى, يۈرەك كېسىلى بار بىمارلار مۇۋاپىق دەرىجىدە قاقلىنىش لازىم. ئۇلترا بىنەپشە نۇرىنىڭ كۆزگە بىۋاستە چۈشۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كۆزىگە ئاق چۈشكەن بىمارلار قوغدىنىش كۆز ئەينىكى تاقىۋېلىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر