باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىسى تىز تەرەققىي قىلماقتا

2017.02.14 16:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لوچۈەن ئالمىسى، ۋۇچاڭ گۈرۈچى، گەننەننىڭ ئاپېلسىنى قاتارلىق مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى بۇ داڭلىق مېۋە چىۋە، يېمەكلىكلەرنى توردا زاكاز قىلسىڭىز، تىز يوللانما ئارقىلىق بىۋاسىتە ئىشىك تۈۋىڭىزگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. بۇنى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. يېقىندا ئېلان قىلىنغان مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

  يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنىڭ بىرى يېڭى كەسىپ يېڭى ھالەتنى زورايتىش، يېزىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىسى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  ھازىر، جىڭدوڭ، تاۋباۋ قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقا ئارقىدىن يېزا بازىرىغا يۈزلەندى. بۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا سەھنىسى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ، ئېلىمىزنىڭ تەمىنات سودا سىستېمىسى ئۇزۇندىن بۇيان يېزا ئىگىلىكىگە مەدەت بېرىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئاساسىي قاتلام تەمىنات سودا كوپىراتىپىدىن 29 مىڭدىن كۆپرەكىنى قۇردى. ھازىر تەمىنات سىستېمىسىمۇ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، يېزىلاردىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپ يېڭى ھالەتلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى 1-، 2-، 3- كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: ئۆتكەن يىلى تەمىنات سودا سىستېمىسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سەھنىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى 700 گە يېقىن شەھەر، ناھىيەلىك تەمىنات سودا كوپىراتىپى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان، توردىكى مەھسۇلات تۈرلىرى 46 مىڭ خىلدىن ئاشقان. پۈتۈن سىستېمىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە تورغا كىرگەن تاۋارلارنىڭ تىجارەت سوممىسى 603 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52.3 ئاشقان. ئۇندىن باشقا، بۇ يىل تەمىنات سودا كوپىراتىپ سىستېمىسى يەنە ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەت مەركىزىدىن 200 نى قۇرغان ھەمدە بۇ مەركەزنىڭ مۇلازىمىتىنى كەنتلەرگىچە يەتكۈزۈپ ، ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇپ، يېزىلاردا ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ھەققى ئومۇملاشتۇرغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر