- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى
(58–نومۇرلۇق)
2013.01.21 14:04 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 38- يىغىنىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى تەقسىملەش ۋە سايلام مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار»ىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى 550 نەپەر بولغانىدى، 2013- يىل 1- ئاينىڭ 18- كۈنىگىچە 48 سايلىغۇچى ئورۇن ھەممە ۋەكىلنى سايلاپ بولدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 40- يىغىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى تەكشۈرگەنلىك ھەققىدىكى دوكلات»ىغا قوشۇلدى ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان 550 ۋەكىلنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى كۈچكە ئىگە دەپ ئېتىراپ قىلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھازىر ئېلان قىلدۇق.
2013- يىل 1- ئاينىڭ 19- كۈنى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
${KEYWORD}