باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كىم غالىب(1)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.20 09:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ـــ ۋۇي... قانداقسىگە سىزمۇ بۇ ئاپتۇبۇسقا چىقىپ قالدىڭىز؟... ماشىنىڭىزچۇ؟

  ئەڭ ئاخىرقى ئاپتۇبۇسقا ئەڭ ئاخىرقى بېلەتنىڭ ئىگىسى بولۇپ ئارانلا ئۈلگۈردۈم. ئورنۇمغا بارماي تۇرۇپلا ئالدىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان بىرى شۇنداق دەپ گەپكە ئۇردى. ئۇنىڭ كىملىكىنى، ئىسمىنى بىلمەيمەن. ئەمما تونۇشلا چىرايىدىن بىر يەرلىك ئىكەنلىكىمىز چىقىپ تۇراتتى. ئەدەپ يۈزىسىدىن قول ئېلىشىپ كۈرۈشتۈم. يەنە بىر نەچچەيلەنمۇ قول ئۇزارتتى. ئۇلارغا يىغىنغا كەلگەنلىكىمنى، شوپۇرۇمنىڭ تۇيۇقسىز بالنىستقا كىرىپ قالغانلىقىنى، ئەتە سىڭلىمنىڭ قىزى ياتلىق قىلىنىدىغان بولغاچقا جىددى مېڭىپ قالغانلىقىمنى ئېيتتىم. شۇنداق دېگەچ ئورنۇمغا قاراپ ماڭدىم.

  ـــ گادايلىنىڭ پىتى يۇقۇپ قالارمۇ ئەمدى؟ ھى ھى ھى…ــ ھېلىقى كىشىنىڭ كەينىدە ئولتۇرغان يەنە بىرەيلەن شۇنداق دېدى. گەرچە كۈلۈپ تۇرسىمۇ، ئۈستىباشلىرىمغا تىكىلگەن كۆزلىرىدە بىر ئۆچمەنلىك يېنىپ تۇراتتى.

  ـــ يۇقۇپ قالمىسۇن، دەپ، شۇڭا ئارقىغا كېتىۋاتىمەن!ـــ قوپاللىقىم ئۇنىڭ زۇۋانىنى ئۆچۈردى. مۇشۇنداق ئادەملەرگىمۇ بىر مۇنچە چۈشەندۈرۈپ كېتىپتىمەن دېسە. ئاپتۇبۇستىكى نەچچە ئون جۈپ كۆزلەر دېگۈدەك ماڭا قادىلىپ قالغانىدى. ئۇلارنىڭ پەرقلىق ئۈستىباشلىرىمغا، سومكىلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىمغا مىختەك قادىلىپ تۇرغانلىقىنى سېزىپ تۇراتتىم.

  شۇ ۋاقىتتا خۇددى كۆزگە كۆرۈنمەس بىر قول تۇتىۋالغاندەك، ئالدىمدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان بىر ئايالغا قاراپ بىردىنلا توختاپ قالدىم. كۆزلىرىم، قۇلاقلىرىم ھەممە سەزگۈلىرىم بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم.ئۇ...!! پۈتۈن بەدىنىم بىردىنلا تىترەپ كەتتى. يۈرىكىم جىغىلداپ، روھىم چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ كەتتىم. بىراۋنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ قالغىنىنىمۇ تۇيمىغاندەك، پەقەت مۇشۇ ئاياللا سىرتقا قاراپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان بوۋاينىڭ ماڭا تەئەجۈبلىنىپ قاراۋاتقانلىقىنى سەزگىنىمدىلا دەرھال جايىمغا كېلىپ ئورۇنلاشتىم.ياق، ئۇ ئەمەس... يۈرىكىم ئاغزىمغا كەپلىشىپ، بېشىمنى ئىختىيارسىز سىلكىۋەتتىم. ئۇنى مەڭگۈ كۆزۈم كۆرمىسۇن... شارتتىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتمەكچى بولدۇم. لېكىن ماشىنا بۇ ۋاقىتتا قوزغۇلۇپ بولدى. يۈرىكىم شىددەت بىلەن گۈپۈلدەيتتى. پۈتۈن جىسمىمدىكى قان ئۇيۇپ قالغاندەك ياغاچتەك قېتىپ ئولتۇراتتىم. ئۇ ئەمەس... بۇلاردەك ئېقىپ يۈرىدىغان، بىر جايدا مۇقىم تۇرمايدىغان، چىراي شەكلى ئوخشاش ئىشلەمچىلەر كۈرمىڭ. بۇمۇ شۇنداقراق بىرسى... يۈرىكىم پوكۇلدىغان ھالدا ئۇنىڭغا يەنە بىر رەت چاندۇرماي ياندىن قارىدىم. ئاشۇ ۋاقىتتا ئۇمۇ خۇددى بىرى تارتقاندەك ماڭا لەپپىدە قارىدى. كۆزلىرىمىز ئىختىيارسىز ئۇچرىشىپ قالدى. ئاشۇ كۆزلەر... ماڭا دەقىقە تىكىلىپ قارىدى... سەل ئەندىككەندەك، لەۋلىرى بىر نېمىلەرنى دېمەكچى بولغاندەك تىترەپ كەتتى. ئارقىدىن يەنە شۇ خاتىرجەم، سەل دەلدۈشراق قىياپىتىگە قايتىپ بېشىنى بۇراپلا تالاغا قاراپ ئولتۇرىۋالدى. ئىككىنچىلەپ مەن تەرەپكە قارىمىدى... ئاپتۇبۇستىكى ھەر قانداق كىشىگە دادىل، ھاكاۋۇرلۇق بىلەن قارىيالايدىغان بايىقى كۆزلىرىم مانا ئەمدى پەقەت مۇشۇ كۆزلەرگىلا تىك قارىيالمىدى. ئۇ مېنى تونۇۋالغانمىدۇ؟... تېنىم غۇژژۇلداپ كېتىۋاتاتتى. خۇدا ساقلاپ ئۇ مېنى ھەرگىزمۇ تونۇۋالمىغاي!... ئىختىيارسىز ھېچقانچە ئۆزگەرمىگەن پارقىراق، ياش، قورۇقسىز چىرايىمنى ئويلاپ كەتتىم. خۇدايىم قېرىپ كەتسەممۇ بوپتىكەن. چاچلىرىم ئاقىرىپ بوۋاي سۈپەت بولۇپ قالساممۇ مەيلىدى! تۇنجى قېتىم ھەر ۋاقىت ئىپتىخارلىق بېرىدىغان قاملاشقان، يىگىرمە يىلدىمۇ ھېچقانچە ئۆزگەرمىگەن چىراي شەكلىمدىن قورۇنۇپ كەتتىم. ئەگەر شۇ تاپ چىراي شەكلىم پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ مېنى تونىۋېلىشىدىن قىلچە ئەنسىرىمەيتتىم. بايا نېمىشقىمۇ ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قاراپ قالغان بولغىيدىم؟ نېمە دەپ كۆزلىرىگە قارىدىم؟ شۇنداق قىلمىغان بولسام ئۇ مېنى ھەرگىزمۇ بايقىيالمايتتى. ھەممىسى ئۆزۈمدىن كەتتى!

  يۈرىكىم پوكۇلدىغان، بىئارم بولغان ھالدا ئۇنىڭغا 3- قېتىم يەنە ئوغۇرلۇقچە قارىدىم. ئۇ بەكلا ياداپ كەتكەن ئىدى. بۈرتۈپ چىققان مەڭىز سۆڭەكلىرى، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرى، چىرايىنىڭ زادىلا خۇنى يوق. كەڭ پېشانىسى ۋە يۈزلىرىدىكى مىچچىدە قورۇقلار كۈلۈپلا تۇرىدىغان ئاشۇ گۈلخاننى پۈتۈنلەي كۈمۈپ تاشلىغان. ھەتتا ئۇنىڭ ئاشۇ چىرايلىق ئىككى زىنىقىمۇ شۇ تاپتا چوڭقۇر كېسىلگەن ئىككى تارتۇقتەكلا بولۇپ قالغان ئىدى.

  كۆزلىرىمنى چىڭڭىدە يۇمۇۋالدىم. كاللامدا تۈرلۈك تۈمەن خىياللار، ئۆتمۈشلەر، گادىرماچ پىلانلار قۇيۇندەك پىقىراپ چۆگىلەشكە باشلىدى. قارىماي دېگىنىم، قاراشتىن قورققىنىم بىلەن يەنىلا شۇنداق خارامۇشلۇق، گاراڭلىق ئىچىدە پات-پات ئۇنىڭغا قاراپ قويىمەن. ئېلىشىپ قالايلا دېدىم... كۆزلىرىم ئۇنىڭ پۇتىغا سېپىۋالغان مايماق ساپما كەشى بىلەن كەڭ ئېتەكلىك، مۈرىلىرى ساڭگىلاپ قالغان كۆڭلەكلىرىگە چۈشتى. ئۇنىڭ ئاشۇ چاغدا كىيىۋالىدىغان پاختىلىرى قېلىن تاۋار پىنجىكىمۇ شۇنداق كېلەڭسىز بولىدىغان. لاۋبەننىڭ خوتۇنى بەردى، ئىسسىقكەن، دەپ ئۇچىسىدىن سالمايدىغان... بۇ كۆڭلەكنىمۇ بىرسى بەرگەن گەپ. ئۇ ئۆمرىدە ئۆزى تاللاپ، ئۆزى پۇل ساناپ، ئۆز بەدىنىگە ئۆلچىتىپ بىرەر كۆڭلەكمۇ كىيىپ باققانمىدۇ؟ شۇ تاپ ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ بازارنىڭ ئوتتۇرسىغا ئەكىرىپ خالىغىنىڭىزچە كىيىم كىيىۋېلىڭ، پۇل خەجلەڭ، مانا مەن بار! دېيەلىگەن بولساممۇ ھە؟... مۇشۇنداق ئاقماس خىياللارمۇ كاللامدا پىرقىراپ يۈرىدۇ...

  ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئادەمنىڭ تۇرقىمۇ شۇنداق ۋەيرانە. ئۈستىدىكى كونا كىيىملىرىگە ئوخشاش قېرىلىق، پۈرلەش كىيىملىرىگە ئوخشاپ قالغان بويۇن، يۈزلىرىدىكى قورۇقلار كىشىنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ غەش قىلاتتى. قوللىرىدا بەكمۇ ئەرزان، سىرلىرى چۈشۈپ كەتكەن كونا بىر تېلېفوننى تۇتىۋاپتۇ. بۇ ئەر ئۇنىڭ دادىسىمىدۇ ياكى ئېرىمىدۇ... ئەرنىڭ ئۇنىڭغا بىپەرۋا قاراشلىرى ئۇنىڭ دادىسىغىمۇ ئوخشىمايدۇ. يېشىدىكى پەرقنى دېمىگەندە ئۇلار بىر-بىرىگە قېيىدىشىپ ئولتۇرغان ئەر-خوتۇنلارغا بەكرەك ئوخشايدۇ. ھاياتلىقتا شۇنداق ئادەملەر بار، ئۇلارنىڭ سۇلغۇن قىياپىتىمۇ ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدۇ. ئەگەر بۇلار، يەنى بۇ ئايال شۇ تاپ بۇنداق ۋەيرانە ھالدا ئەمەس، ئىشخانىمىزدىكى ھەممە يەرلىرىنى ئالتۇندا قاپلىتىپ بولغان رۇقىيەمدەك، بىر ھال، بىر سۈپەت بىلەن ئالدىمدا پەيدا بولغان بولسا… قانداق ياخشى بولاتتى! ئۇ چاغدا مەن ئۇنىڭدىن، ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بۇ ئاپتۇبۇس ۋە ئۈستىباشلىرىمدا ھەققى باردەك يامان كۆزدە قاراپ تۇرۇشقان ئادەملەردىن، ئەمەسلا ۋاقىتتا ئاغرىپ قېلىپ، مېنى مۇشۇ بالاغا تىقىپ قويغان شوپۇرۇمدىن بۇنچە نەپرەتلىنىپ كەتمەيتتىم.

  شۇ چاغدا ئۇنىڭ يېنىدىكى ئەرگە كىملەردىندۇر تېلېفون كەلدى.ــــ ئۇ ئاڭلىمايدۇ، زادىلا ئاڭلىمايدۇ... بولدى، ماڭىلا دەڭ... ھە... ھە... ئۇنى ئالغان چېغىمدىلا پاڭكەن... ۋاي، تاڭەي، بۇرۇنقى ئىشلىرىنى مەن نېمە بىلەي؟ بۇرۇنقى ئېرى ئۇرۇپ شۇنداق پاڭ قىلىپ قويغانمۇ، قالغىنىنى بىلمىدىم... گاس بولسا بولا، مەنمۇ بۇ گاس خوتۇنغا كۆندۈم. دېھقان دېگەن گاس بولسىمۇ ئېتىزنىڭ ئىشى ئاقساپ قالمايدۇ ئاينا! ھى ھى ھى...

  بوۋاي ئاۋازىنى بولىشىغا قۇيۇۋېتىپ سۆزلىشىۋاتاتتى. سۆز ئارىسىدا پات-پات ئايالىغا ـــ ئۇنىڭغا قاراپ-قاراپ قوياتتى. ئەمما ئۇ خۇددى ئۇزۇن، مەنىسىز بىر ئىشقا ئامالسىزلىق ۋە يىرگىنچ ئىچىدە چىداپ تۇرغاندەك، غەمكىن كۆزلىرىنى ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن سىرتقا تىككەن، ئېرىنىڭ نېمىلەرنى دېيىشى بىلەن پەرۋايى پەلەك ئىدى.

  ـــ ۋاي ياقەي... زادىلا بېرىپ باقمىغان، ئۇنى پاڭ قىلىپ قويغان مەن بولمىسام يا؟ ئون يىلنىڭياقى پاڭكەن، ئىگە چاقىسى يوقكەن دېمەي خوتۇن قىلىپ ئولتۇردۇم ئاينا... بىزدەك ئادەمدە داۋالاتقۇدەك پۇل يوق قالىسىلا...

  ـــ نېمە دەيدا؟ـــ يان ئورۇندا ئولتۇرغان دېھقان سۈپەت بىر ئادەم، ئەر تېلېفوننى قويۇپ تۇرىشىغىلا شۇنداق دەپ سورىدى. ئۇلار كونا تونۇشتەك، بىر- بىرلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەرلىرى باردەك قىلاتتى.

  ـــ ئا... خەق بولمامدا؟ تىڭشىغۇچ ئالسىڭىز ئاڭلايتتى. ئوپېراتسىيە قىلسىڭىز بولىتتى... دەپ كاللامنى ئوچاق قىلىدۇ دېسە... نەدە ئۇنداق جىق پۇل بۇنىڭغا؟ قۇلۇمغا چۈشكەندە ساق بولۇپ، ئۇنى شۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان مەن بولسامغۇ داۋالاتسام...

  ـــ داۋالىتىپ قويساڭلىمۇ ئەزىيتتى جۇما، بۇ بەك ئىشلەيدىغان خوتۇنكەن ھاما؟...

  ـــ ئىشلەيدۇ قالاڭلا، ئىشلىسە ئۆزىنىڭ گېلىغا ئىشلەيدۇ، قايسى خوتۇن ئىشلىمەپتۇ دەيسىلە؟

  ـــ ئۇغۇ شۇ... بۇ خوتۇن قولۇڭلىغا چۈشكىلى قانچە يىل بولدا؟

  ـــ ئون يىلچە بولدىمىكى، مەھەللىمىزدە ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىنىڭ بىر تۇغقىنىغا پاناھ تارتىپ كەپتىكەن. قارىسام تۈزۈك ئىگە-چاقىسىمۇ يوق، ئۇ خەقنىڭكىدە خارلىنىپ قالدى. كىشى قويسام ھە دەپلا ھېچقانداق ھەشەم-دەرەم يوق، نىكاھلىتىپ قويدى. ئۆزى راست بەك ئىشلىق خوتۇن، ئەممازە قۇلىقى ئاڭلىماي تولا ئىچىمنى پۇشۇرۇپ قويىدۇ. باللىنىڭ كۆزىگە شۇ يېرى سىغمامتىكى، تولا بېشىمنى ئاغرىتىپ، قويىۋەتكەن... ئۈرۈمچىگە بالا باققۇچى بولۇپ چىقىپ كەتكەننىمۇ بىلگەنتىم، قوشنىمىز يولغا سېلىپ قويغان. بىر يىلنىڭزى يەنە مۇشۇ خوتۇن بولمىسا بولمايدىكەن، دەپ باللا ئۆزى سۆزلەپ قالدى. ئەكەلدىم مانا. ئەمدىغۇ بېشىم تىنچا، دەيمەن.

  ـــ بەلەن قىپسىلە... ئايلىڭلىنىڭ راستلا ھېچنېمىسى يوقمىكەن؟ ئۇرۇق- تۇغقىنىدىن بىرەسىمۇ كەلمىدىمۇ؟

  ـــ يوق چاغۋا... ئۆزى تولا گەپ قىلمىغاچقا، مەنمۇ بۇ خوتۇننىڭ نەلىكلىكىنى، كىمنىڭ بالا-ۋاقىسى ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم...قىزىتما بولۇپ قالغاندەك ئىچىمدە بىر نەرسە يېنىشقا باشلىدى. ئۇنى مەن تونۇيمەن! ئالدىمدا ئولتۇرغان ئىككىيلەنگە قاراپ شۇنداق دەپ ۋارقىرىۋەتكۈم كەلدى. لېكىن ئۇنداق قىلالمىدىم. دېمىسىمۇ بۇ يەردە ئۇنى تونۇيدىغان، ئۆتمۈشىنى، لېۋەن ياشلىقىنى، تۇغقانلىرىنى بىلىدىغان پەقەت مەنلا ئىدىم.

  ئۆتمۈش يۈرىكىمنى مۇجۇشقا باشلىدى. خۇددى جىن چاپلىشىپ قالغاندەك، يىگىرمە يىلنىڭ ئالدىدىكى ئاشۇ قىشلىق تەتىلدە يۈز بەرگەن ھەم شۇ ۋاقىتتىلا تۈگىگەن لەنىتى ئىش كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى. يۈرىكىم پۇچۇلىنىپ، ئىچىمگە قىزىق بىر چوغ چۈشكەندەك ئارامسىزلىنىپ كېتىۋاتاتتىم. ئۇ ئىشلارنى شۇنچە يىل ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشىپ باقتىم، ھەم ئۇنتۇپمۇ كەتتىم، لېكىن ئۇ گويا شۇنچىكى شامال تەگسىلا قايتىدىن يالقۇنجىۋالىدىغان قوقاستىكى چوغدەك، ھە دېمەيلا جېنىمغا تېگىپ، تەشۋىشلىرىمنى قوزغاپلا كەلدى. گاھىدا ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىمەن. دۇنيادا ھەر كۈنى ھەر سائەتتە خىيانەتچىلىك، بۇزۇقچىلىق، ئالدامچىلىق، پارىخورلۇق، قاتىللىق… قىلىۋاتقان نى-نى رەزىل ئادەملەر بار، ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغقۇسىز ۋەھشىلىكلەر بار. ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا مەن ھېچنېمە قىلمىدىم. پەقەت ئىستىقبالىم ئۈچۈن بىر قېتىم ئالدامچىلىق قىلدىم. پەقەت بىر قېتىملا...مەن شۇنداق ئويلايمەن ۋە شۇنداق دەپ ئۆزۈمنى بەزلەيمەن.

  گۈلخاننىڭ ئاشۇ چاغلاردىكى ياش، ساغلام، چېچەن، زىل تۇرقى كۆزۈمگە قايتا كۆرۈنۈپ، ئىختىيارسىز ئالدىمدىكى ئايالغا يەنە بىر رەت لەپپىدە قارىدىم. ئۇنىڭ ئېسىدە نىھات بارمىدۇ؟ ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن ئاشۇ نىھات؟... مەن بۇ قېرىدىنمۇ مەسئۇلىيەتسىز... كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك بۇ تاساددىپى ئۇچرىشىش ھەممىنى يەنە يادىمغا سالدى.شۇ قەدەر گۇناھكار ۋىژدانىم بىلەن شۇنچە يىلغىچە تېنچ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىمكان بەرگەن باغرى تاشلىقىم،شەپقەتسىزلىكىم،شەرمەندىلىكمنى ئىقرار قىلىشقا قىستىدى.لېكىن مەن بۇلارنى ئىقرار قىلىشتىن تېخى يىراق ئىدىم.شۇ تاپتا مەن بۇ ئىشنى باشقىلار ئۇقۇپ كەتمىسىدى،گۈلخان ياكى ئۇنىڭ ئېرى ئۇ ئىشنى چۇگۇشتۇرۇپ چىقىپ خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلمىسىدى.دەپلا ئويلايتتىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر