باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ئاھالىلەر« ساياھەت پاسپورتى»بېجىرسە شەخس ئىلكىدە بولىدۇ

2015.08.21 11:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئادەتتىكى پاسپورتنى تارقىتىش، باشقۇرۇش سىياسىتىنى تەڭشەيدۇ

  مۇخبىرىنىڭ 19-ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە،ئاھالەرنىڭ ئادەتتىكى پاسپورتنى تارقىتىش، باشقۇرۇش يېڭى بەلگىلىمىسى ئاللىقاچان پۈتۈن شىنجاڭدا يولغا قويۇلۇپ بولغان.

  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادەتتىكى پاسپورتنى تارقىتىش، باشقۇرۇش خىزمىتى ھەققىدىكى پىكىر»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بۇ يىل ئاۋغۇستىن باشلاپ ئادەتتىكى پاسپورتنى تارقىتىش، باشقۇرۇش سىياسىتىنى تەڭشەشكە باشلىدى، ئادەتتىكى پاسپورتنى تارقىتىش، باشقۇرۇش سىياسىتىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. بارلىق ئاھالىلەر ئادەتتىكى پاسپورت ئىلتىماس قىلسا سىياسەت بىردەك بولدى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلتىماس قىلىش شەرتى ۋە بېجىرىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇردى ۋە ئىخچاملاشتۇردى، ھازىر بۇ سىياسەت پۈتۈن شىنجاڭدا يولغا قويۇلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 5- ئايدىن باشلاپ، شىخەنزە، قىزىلسۇ ئوبلاستى، قاراماي ئۈچ رايوندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادەتتىكى پاسپورتنى تارقىتىش، باشقۇرۇش خىزمىتى ھەققىدىكى پىكىر»نى ئاۋۋال سىناق تەرىقىسىدە ئىجرا قىلدى. تەڭشەلگەن سىياسەت بويىچە، بۇ ئۈچ جايدىكى ئاھالىلەر بېجىرگەن ساياھەت پاسپورتنى ئۆزى ساقلىسا بولىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر