- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يۈ جېڭشېڭ كورىيە پارلامېنتى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى
2015.08.21 16:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا يېڭى دۆلەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى يۈەن يۈي جې باشچىلىقىدىكى كورىيە پارلامېنتى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى. يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى كورىيە پارلامېنتى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، مەدەنىيەت ھەمكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇپ،ئۆز-ئارا ئۆگىنىپ ۋە ئەينەك قىلىپ، جۇڭگو–كورىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. يۈەن يۈي جې مۇنداق دېدى: كورىيە پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بىلەن ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كورىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر