خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئاۋغۇست بىر مەيدان ئۆزگىچە مىللىيچە كىيىم-كېچەك مۇسابىقىسى شىنجاڭ باغراش ناھىيىسى بەيشىن ئىستىراھەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. ھەر خىل كۆركەم كىيىم كېچەكلەر پۈتۈن مەيداندىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى. 100دىن ئارتۇق شۇ يەرلىك تاماشىبىنلار نەق مەيداندا باغراشلىق لايىھىلىگۈچىىلەرنىڭ شان-شەرىپىگە شاھىد بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق پائالىيەت«چوڭ ماھارەت سەھنىسى سىزبىلەن تېخىمۇ رەڭدارلىققا تولىدۇ» نى باش تېما قىلغان، باغراشنىڭ ئىقتىسادىىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشىنى نىشان قىلغان پائالىيەت بۇلۇپ ، مۇسابىقىدىكى«مودىللار»بولسا شۇيەرلىك دېھقان-چارۋىچىلاردىن تەشكىللەنگەن، مۇسابىقىدە100خىلدىن ئارتۇق مىللىيچە كىيىم-كېچەكنى مەركەز قىلىپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا كىيىم كېچەك مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى