باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە تيەنجىن خەتەردىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق شىتابى بىرلەشمە يىغىنى ئېچىلدى

2015.08.21 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن كەچتە، دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى گو شېڭكۈننىڭ رىياسەتچىلىكىدە تيەنجىندە گوۋۇيۈەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە تيەنجىن خەتەردىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق شىتابىنىڭ بىرلەشمە يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، كېيىنكى باسقۇچتىكى قۇتقۇزۇش بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان ۋە ئەتراپىتىكى رايونلارنى داۋاملىق چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، خەتەرگە ئۇچرىغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان كىشىلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش كېرەك، بىرەر ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان كىشى بولىدىكەن، قۇتقۇزۇش تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ھەرگىز توختىتىپ قويماسلىق لازىم. ئەڭ كۈچلۈك داۋالاش كۈچىنى، ئەڭ ياخشى داۋالاش بايلىقىنى داۋاملىق مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يارىدارلارنى داۋالاپ، يارىلانغانلارنى كۈتۈش ۋە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ،يارىلىنىپ مېيىپ بولۇپ قېلىش، يارىلىنىپ قازا قىلىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك. ئاۋۋال ئاسىنىغا، كېيىن قىيىنىغا تۇتۇش قىلىش، رايونلار بويىچە تۈرگە ئايرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق خىزمەت لايىھەسى بويىچە ئۆلچەملىك مەشغۇلات قىلىپ، نەق مەيداننى تازىلاش خىزمىتىنى ئىلمىي، پۇختا بىخەتەر، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككىلەمچى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. مۇھىتنى كۆزىتىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرۇپ، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى توغرا ئېلان قىلىپ، قاراتمىلىقى بولغان تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، زور مۇھىت بۇلغاش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىگە تەسەللى بېرىش، زىيانغا ئۇچرىغان ئۆي-ئىمارەتلەرنى رېمونت قىلىش، تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق كېيىنكى خىزمەتلەرنى مۇۋاپىق ياخشى ئىشلەپ، قۇربان بولغان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىغا بىردەك مۇئامىلە قىلىپ نەپىقە بېرىش ۋە مۇكاپاتلاش كېرەك. ئاشكارا ۋە ئوچۇق قىلىش، ۋەقە ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا توغرا، ھەقىقىي ئېلان قىلىش، گۇمانلارنى ھەقىقىي تۈردە تۈگىتىش، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىش، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش لازىم. ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئۈزۈل–كېسىل تەكشۈرۈپ چىقىپ، ماھىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر