- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۇرپاندىكى بارلىق مەنزىرە رايونىنىڭ ھەممىسى ھەقسىز سىمسىز تور(WiFi) بىلەن تولۇق قاپلاندى
2015.08.21 15:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆنۈگۈندىن باشلاپ، تۇرپان شەھىرى بۇيلۇق مەنزىرە رايونى، كارىز شادلىق باغچىسى، كارىز مىللىي ئۆرپ - ئادەت باغچىسى، غوجا ئوردىسى، سۇلايمان غوجا مۇنارى، چۆل - توپا سەنئەت سارىيى، مىڭ ئۆي قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى ھەقسىز سىمسىز تور مۇلازىمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى. ھەربىر مەنزىرە رايونىدا بىر قېتىمدا 50دىن100گىچە ئادەمنىڭ تورغا چىقالايدۇ. يارغول قەدىمكى شەھىرى، ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى خارابىسى،يالقۇن تاغ قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىمۇ ھەقسىز سىمسىز تورنى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىۋېتىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر