باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«پۇتبول تۇرمۇشۇمنى ئۆزگەرتتى»

2015.08.21 14:07         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر يىل ئىلگىرىكى ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، خوتەن قىزلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى دىلنۇر مەرداننى ئۇچراتقىنىمدا، ئۇ تولىمۇ تارتىنچاق قىز ئىدى، زىيارەت داۋامىدا سورىغان سوئاللىرىمغا پەقەت «ھەئە، شۇنداق» دەپلا جاۋاب بەرگەنىدى، خەنزۇچە ئاددىي سۆزلەرنىلا چۈشىنەلەيتتى.

  بىر يىلدىن كېيىن، خوتەن شەھەرلىك 4 - ئوتتۇرا مەكتەپ قىزلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ باشلىقى بولغان دىلنۇرنى قايتا زىيارەت قىلغىنىمدا، ئۇ سوئاللىرىمغا تولىمۇ تەمكىنلىك بىلەن جاۋاب بەردى، ئىككىمىز خەنزۇ تىلىدا راۋان پىكىر ئالماشتۇردۇق.

  چىرايىدىن ئوچۇق - يورۇقلۇقى چىقىپ تۇرىدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئىككى كۆزى يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرىدىغان بۇ قىزچاقنىڭ نەزەر دائىرىسى پۇتبول ئارقىلىق كېڭەيگەن، پۇتبۇل ئۇنىڭغا ئىشەنچ ئاتا قىلغان، ئارزۇ - ئارمانلارنى بېغىشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرمەكتە ئىدى.مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە ماھارىتىنى نامايان قىلىش

  دىلنۇر 12 - ئىيۇن چۈشتىن كېيىن مەكتەپتە كوماندا ئەزالىرى بىلەن پۇتبول مەشىق قىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ كىيىمى چىلىق - چىلىق تەر بولۇپ كەتكەنىدى. بۇ يىل مارتنىڭ ئاخىرى نەنجىڭ شەھىرىدە مەملىكەتلىك 1 - نۆۋەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول تۈرىدىكى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان چاغدىكى مەنزىرە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن تېخى كەتمىگەنىدى. چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمۈلگەن دىلنۇر ئاشۇ كۈندىكى مۇسابىقىنى تىلغا ئالسا ھازىرمۇ ناھايىتى ھاياجانلىنىدۇ: «مەن ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزدۈم، نەتىجە 0 گە قارشى 3 بولدى!»

  ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا، شىنجاڭ قىزلار پۇتبول كوماندىسى تۇنجى مەيداندىلا بېيجىڭ قىزلار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، دىلنۇر دەسلەپتىلا مەيدانغا چىقتى. دىلنۇر مۇنداق دېدى: دەسلەپتە تولىمۇ جىددىيلەشتىم ھەم ئەنسىرىدىم، چۈنكى قارشى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ بويى بىزدىن ئېگىز ئىكەن، مەن ئۇتتۇرۇپ قويۇشتىن قورقتۇم. دىلنۇر مەيدانغا چىققاندىن كېيىن سەل ھۇدۇقۇپ قالدى، ئۇتتۇرۇپ قويۇشتىن قورقۇش بېسىمى ئۇنى سەل ھالسىرىتىپ قويغانىدى.

  دىلنۇر بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى، سەپدىشى توپ كىرگۈزۈپ نومۇردا ئالدىغا ئۆتكەندىن كېيىن، دىلنۇرنىڭ ئىشەنچىسى بارغانسېرى ئېشىپ، توپنى تەپكەنسېرى قىزىپ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا بىر توپ كىرگۈزۈپ، يېرىم مەيدان مۇسابىقىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

  مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن بۇ توپ ئالتۇنغا ئوخشاش قىممەتلىك بولۇپ، خوتەننىڭ يېزىسىدىن كەلگەن دىلنۇرنىڭ قەلبىگە ئىشەنچ ئۇرۇقى چېچىپ، پۇتبول ھاياتىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

  شىنجاڭ قىزلار پۇتبول كوماندىسى 0 گە قارشى 14 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىنى، 0 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن جىلىن كوماندىسىنى يەڭدى، 3 كە قارشى 1 نەتىجە بىلەن نەنجىڭ كوماندىسىدىن يېڭىلىپ قالدى، 1 دە 1 نەتىجە بىلەن شاڭخەي كوماندىسى بىلەن تەڭلەشتى. بولۇپمۇ شاڭخەي كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە، ئۇتتۇرۇپلا قويسا مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايتتى. دىلنۇر: بىز كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا ئاندىن نومۇردا تەڭلەشتۇق، ئەينى چاغدا مەن ھاياجانلانغان ھالدا مەيدانغا يۈگۈرۈپ كىرىپ سەپداشلىرىم بىلەن قۇچاقلىشىپ كەتتىم، دېدى. سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە دىلنۇرنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا: بىز ئاخىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلىدۇق، دېدى.

  دىلنۇرنىڭ چىرايىدا بەخت كۈلكىسى ئەكس ئېتەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: نەنجىڭ تولىمۇ گۈزەل شەھەر ئىكەن، مەن فۇزى ئىبادەتخانىسى، جۇڭشەن قەبرىستانلىقى ۋە نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا باردىم، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم مېترودا ئولتۇردۇم، مېترونىڭ سۈرئىتى تولىمۇ تېز ھەم تولىمۇ راھەت ئىكەن. بۇ قېتىمقى نەنجىڭ سەپىرىم خۇددى قىممەتلىك كىتاب ۋاراقلىرىغا ئوخشاش ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. مەن ئەزەلدىن ئۇنداق ياخشى پۇتبول مەيدانىنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم، پۇتبول مەيدانى راست چىملىق ئىكەن، مۇشۇنداق چىملىقتا توپ تەپسە تولىمۇ بىخەتەر، تولىمۇ راھەت بولۇپ، ئازراقمۇ چارچاش ھېس قىلمىدىم.

  دىلنۇر قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمىدى

  پۇتبول تىلغا ئېلىنسىلا ھاياجاندىن كۆزلىرى ئويناپ كېتىدىغان بۇ قىزچاق دەسلەپ توپ ئوينىغاندا، دادىسى ئۇنىڭ پۇتبول ئوينىشىغا قاتتىق قارشى تۇرغانىدى.

  خوتەن ۋىلايىتىدىكى تۇنجى قىزلار پۇتبول كوماندىسى 2013 - يىلى سېنتەبىردە خوتەن شەھەرلىك 4 - ئوتتۇرا مەكتەپتە قۇرۇلدى. دىلنۇر ئوغۇللارنىڭ پۇتبول ئوينىغىنىنى كۆرۈپ، پۇتبولغا قىزىقىپ قالغانىدى. ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملىتىپ تۇنجى تۈركۈمدىكى كوماندا ئەزاسى بولدى.

  دىلنۇرنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئائىلىسىدە قاتتىق تالاش - تارتىش پەيدا قىلدى. دادىسى پۇتبول ئوينىسا دىلنۇرنىڭ ئۆگىنىشىگە تەسىر يېتىدۇ، دېسە، ئانىسى قىز بالا پۇتبول ئوينىسا بولمايدۇ، دەيتتى، ھەتتا بەزى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە چوڭلارمۇ دىلنۇرنىڭ بۇ تاللىشىنى قوبۇل قىلالمىدى.

  خوتەن شەھەرلىك 4 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى تۇردىمەمەت ھوشۇر ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا مەكتەپتە نۇرغۇن قىز ئوقۇغۇچى پۇتبولنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا پۇتبول كوماندىسى قۇرۇشنى ئويلاشقانىدۇق. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن قىزلار پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلۇپ، رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرىدىغان چاغدا تىزىملىتىدىغانلار تولىمۇ ئاز بولدى، ھەتتا تىزىملىتىشقا توسقۇنلۇق قىلىشلار بولدى. بۇنى كۆرۈپ قىزلار پۇتبول كوماندىسى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم.

  تۇردىمەمەت مۇنداق دېدى: مەن تىرېنېر بىلەن بىللە دىلنۇرنىڭ ئۆيىگە ئون نەچچە قېتىم بېرىپ، ئاتا - ئانىسىغا قايتا - قايتا خىزمەت ئىشلىگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ دادىسى يەنىلا قوشۇلمىغانىدى.

  دىلنۇر ئۆزى پۇتبولنى ياخشى كۆرگەچكە، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي مەشىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە نەتىجىسى ئارقىلىق ئاتا - ئانىسىنى قايىل قىلدى. 2014 - يىلى فېۋرالدا ئۇ قاتناشقان قىزلار پۇتبول كوماندىسى ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى(جەنۇبىي شىنجاڭ تارماق رايونى)دە 3 - لىككە ئېرىشتى. بۇ كوماندا شۇ يىلى ئىيۇلدا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. بۇ يىل فېۋرالدا ئۇلار ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى(جەنۇبىي شىنجاڭ تارماق رايونى)دە يەنە چېمپىيون بولدى؛ دىلنۇر بىلەن ئۈچ سەپدىشى مارتتا شىنجاڭ «شۆفېڭ» قىزلار پۇتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ، مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشتى.

  دىلنۇرنىڭ ئاتا - ئانىسى قىزىدىكى ئىلگىرىلەشنى، ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى، ئۆگىنىشتىمۇ چېكىنىپ كەتمەي نەتىجىسى سىنىپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىدىيەسىدە ئۆزگىرىش بولدى.

  دىلنۇرنىڭ دادىسى مەردان مەمەت ئوڭايسىزلانغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: قىزىم ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ مەن بېرىپ باقمىغان جايلارغا بېرىپ كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەتىجىسىمۇ ئىزچىل ياخشى. مەن ھازىر ئۇنىڭ پۇتبول ئوينىشىغا قارشى تۇرمايمەن، قىزىمنى قوللايمەن، ئۇ مېنىڭ پەخرىم!

  مەن بۇلتۇر ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە دىلنۇرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە پۇتبولغا بولغان ئىشتىياقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم. تۇنجى كۈنىدىكى مۇسابىقىدە دىلنۇرنىڭ ئوڭ قول بېغىشى يارىلاندى، كېيىن يەنە مەيداندا قاتتىق يۈگۈرگەچكە پۇتىغا نۇرغۇن سۇلۇق قاپارتما چىقىپ كەتتى، لېكىن ئاغرىق دىلنۇرنى باش ئەگدۈرەلمىدى، ھەر مەيدان مۇسابىقىدە دىلنۇر چىشىنى چىشلەپ مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇردى.

  خوتەن شەھەرلىك 4 - ئوتتۇرا مەكتەپتىكى كونا پۇتبول مەيدانىغا بىر قەۋەت قېلىن توپا يېيىتىلغان بولۇپ، مەيدان ئوڭغۇل - دوڭغۇل ئىدى. بۇ كونا مەيدان قىزلار پۇتبول كوماندىسىدىكىلەرنىڭ ئاياغ ئىزى بىلەن چىڭدالغان بولۇپ، دىلنۇر مانا مۇشۇ مەيداندا تاۋلانغان ۋە ياخشى ماھارەتلەرنى ئىگىلىگەنىدى.

  پۇتبول ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىمنى يارىتىمەن

  26 - يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى تەكرار مۇسابىقە) ئۆتكۈزۈلەتتى، بۇ كۈننى ھەم خوتەن شەھەرلىك 4 - ئوتتۇرا مەكتەپتىكى قىزلار ئۇزاقتىن بۇيان تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتاتتى. بۇنىڭدىن نەچچە كۈن ئىلگىرى، دىلنۇر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن بوۋىسىغا تەكلىپنامە ئەۋەتىپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلغانىدى.

  شۇ كۈنكى مۇسابىقىدە، قىزلار جاڭ چۈنشيەن بوۋىسى قىزلار كوماندىسىغا يازغان جاۋاب خەتنى ۋە پۇتبول كوماندىسىغا ھەدىيە قىلغان پۇتبول، تەنھەرىكەت كىيىمىنى تاپشۇرۇۋالدى. جاڭ چۈنشيەن خېتىدە ئۇلارنى باتۇرلۇق بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ باشلامچىلىرى، تارقاتقۇچىلىرى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگۈچىلەردىن بولۇپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىقنى قوغداپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەتراپىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى يېتەكلەشكە ئىلھام بەرگەن ھەم ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرگەنىدى.

  دىلنۇر كۆڭلىدىكى چىن گەپنى قىلىپ: بۇ بىز تاپشۇرۇۋالغان ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا! دېدى. ئۇنىڭ قەلبىدە جاڭ چۈنشيەن بوۋىسىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ئارزۇسى جۇش ئۇراتتى، دىلنۇر ۋە سەپداشلىرى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ جاڭ بوۋىسىغا خەت يېزىپ دوكلات قىلماقچى بولۇشتى.

  شىنجاڭدىكى تۇنجى قىزلار كەسپىي پۇتبول كۇلۇبىغا تەربىيەلىنىشكە تاللىنىش ۋە مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىش بىر كاتتا خۇش خەۋەر بولدى. دىلنۇر نەنجىڭدىكى سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، جاڭ بوۋىسىغا خەت يېزىپ مۇنداق دېدى: ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتۈپ تىرىشىپ ياخشى ئوقۇشنى، يەنە داۋاملىق توپ تېپىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن، ئۆزۈمگە ئىشەنچىم بار، مەن تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىمنى يارىتالايدىغىنىمغا ئىشىنىمەن!

  دىلنۇر مۇنداق دېدى: ھازىر مەن كوماندىدىكى سەپداشلىرىم بىلەن ھېلىھەم تىرىشىپ مەشىق قىلىۋاتىمەن، مەن ھەم تېخىمۇ كۆپ خوتەنلىك قىزلارنىڭ شىنجاڭ قىزلار پۇتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ كوللېكتىپ مەشىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقىشقا ئىشەنچىمىز بار، ھەم سىزنى مۇسابىقىمىزنى كۆرۈپ، بىزنىڭ ئالغا باسقانلىمىزغا شاھىت بولۇشقا يەنە بىر قېتىم تەكلىپ قىلىمىز! بىز ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، ياخشى خەۋەرلەرنى سىزگە ئەڭ بالدۇر يەتكۈزىمىز!

  دىلنۇر: مەن پۇتبولنى ياخشى تېپىپلا قالماي، يەنە تىرىشىپ ئۆگىنىمەن، شۇنداق قىلساملا جاڭ بوۋامغا ئەڭ ياخشى جاۋاب قايتۇرالايمەن، دېدى.

  دىلنۇر مۇنداق دېدى: يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ۋە مېتروغا ئولتۇردۇم، يەتتە قېتىم ئايروپىلانغا چۈشتۈم، باشقا جايلارغا بارغاندىن كېيىن ئاندىن دۇنيانىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدىم، سىرتقى دۇنيانى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۆزۈمدىكى پەرقنى بايقىدىم.

  دىلنۇر مۇنداق دېدى: پۇتبول مېنىڭ تۇرمۇشۇمنى ئۆزگەرتتى. مەن ھازىر ياخشى مەشىق قىلىپ، شىنجاڭ كوماندىسىغا كىرىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن، يەنە نەنجىڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، كەلگۈسىدە دوختۇر بولسام دەيمەن.

  پۇتبول دىلنۇرنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتتى، ئارزۇسىنى قايتىدىن يېڭىلىدى. شۇنداقلا ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە تېخىمۇ كۆپ قىزنىڭ ھاياتىدا ئۆزگىرىش بولدى، پۇتبول ئۇلاردا يېڭى ئارزۇلار يېلىنجاتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر