باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونى تەستىقلاندى، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى «خەلقئارا تاللا بازىرى»نى ئايلىنالايدىغان بولدى

2015.08.21 11:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى يېقىندا رەسمىي تۈردە گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىغا ئېرىشتى. بۇ بۇنىڭدىن كېيىن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا «خەلقئارا تاللا بازىرى»نى ئايلىنىپ، ئەرزان ھەم ھەقىقىي ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  20-ئاۋغۇست، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭىلا تەستىقلانغان ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى شىنجاڭدىكى ئۈچىنچى شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 2-ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى ئىمپورت قىلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش رايونىنى ئاساس قىلىپ، ئۈرۈمچى ۋە سانجى چېگرىلىنىدىغان رايوندىن جاي تاللانغان بولۇپ، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى كونتېينېر مەركىزى بېكىتى ۋە ئۈرۈمچى ـ كۇيتۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىغا يېقىن جايدا.

  ئۈرۈمچى تاموژنا ئىدارىسى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالىم ئوبۇل تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى؛ ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ تەستىقلىنىشى بىلەن، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىلگەن يەنە بىر مۇھىم گەۋدىسى شۇنداقلا ئۈرۈمچىنىڭ سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىلگەن سودا تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بىر سۇپىغا ئايلاندى.

  ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى «ئۈنۈمگە ئېرىشىش» رولىنى جارى قىلدۇرۇپلا قالماي يەنە ئىشلەپچىقىرىشنى مەركەزلەشتۈرۈش رولىنىمۇ ئويناپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون بولۇش ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلىپ، باجدىن خالىي پىششىقلاپ ئىشلەش، ئوبوروت، ئىسكىلات ۋە كۆرگەزمە قىلىپ سېتىشتەك ئۇنىۋېرسال رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر