باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

بۇلبۇل نالىسى(1)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.19 10:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېرىم كېچىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى.ئىشىكنى ئېچىشىم بىلەنلا يۈرىكىم خۇددى ئاشۇ چاغدېكىدەك تۇيۇقسىز غەلىتە تارتىشىپ،سوقۇشتىن توختاپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم.ئۆينىڭ ئىچىدە ئىككى ئادەمنىڭ شەپىسى بار ئىدى.تىترەپ تۇرۇپ چىراقنى ياقتىم.دەرۋەقە،ئاسما چىراقنىڭ كۈچلۈك يورىقىدا كىيىملىرىنى چالا-بۇلا كىيىشكە ئارانلا ئۈلگۈرۈشكەن ئاينۇر بىلەن ناسىر تۇراتتى...مېنى كۆرۈپ ناسىر قانداقتۇر بىر ئىشلارنى چۈشەندۈرمەكچى بولۇپ، ئالدىغا قاراپ ئىككى قەدەم چامدىدى يۇ يەنە ئىزىدا لەسسەدە تۇرۇپ قالدى.ئالدىراشچىلىقتا ئۇ ئاسما مايكىسىنىڭ كەينى تەرىپىنى ئالدى قىلىپ كىيىۋالغاندى.ئاينۇر خۇددى ئۇۋالچىلىققا قالغاندەك،يىغلاۋاتقاندەك،ياكى خىجىل بولىۋاتقاندەك يۈزىنى تام تەرەپكە قارىتىۋالغان،ئۇنىڭ يېڭى بۈدرە قىلىۋالغان ساپسېرىق چاچلىرى تېخىمۇ پاخپىيىپ،خۇددى چېلىشتىن يېڭىلگەن ئالبان توخۇسىغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.

  يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالدى.ئىككى پۇتۇم يەرگە چاپلىشىپ قالغاندەك،مىدىر سىدىر قىلماي بىر ھازاغىچە ئىزىمدا قېتىپ قالدىم.بېشىم قېيىپ كۆزلىرىمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى.بەدىنىم بوشىشىپ مېنى بۇ ئۆيدىن تارتىپ چىقىرىۋەتكۈدەك جانمۇ قالمىغاندەك قىلاتتى.ــــ بۇ....قاراڭ،مۇنداق ئىش...ھەممە گۇناھ مەندە...ـــ ناسىر ماڭا بىرنېمىلەرنى دېمەكچى بولۇپ،قولاشمىغانلا ھالدا ھىجىيىۋىدى تەلەتى تېخىمۇ سەتلىشىپ كەتتى.ئاشۇ چاغدىمۇ ئۇ مۇشۇ سۆزلەرنى قىلغان. قىزىم تېخى يېشىغىمۇ توشماستا بالا باققۇچى 16ياشلىق قىز ھەلىمە بىلەن خۇددى ھازىرقىدەك رەسۋايى ئەزەم بولغان ئىدى.شۇ چاغدىمۇ كاماندۇرۇپكىدىن ئىككى كۈن بۇرۇن قايتىپ كەلگەندىم.شۇ چاغدىمۇ ئۇ ھازىرقىدەك «پۈتۈن گۇناھ»نى ئۈستىگە ئېلىۋالغان ئىدى.توۋا،ساتقىنلىقنىڭ بىرىنچىسى يۈز بەرسىلا مۇقەرەر ئىككىنچىسى،ئۈچىنچىسىمۇ...يۈز بېرىۋېرىدىكەن.ئۇ چاغدا ناسىرنىڭ ئۈستىگە ئېتىلىپلا بارغانىدىم، يۈز-كۆزلىرىگە، ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىگە تېپىپ، مۇشتلىغاندىم، ئاغزىمنى بۇزۇپ تىللاپ، كىچىككىنە ئاشۇ قىزنىڭ چاچلىرىدىن تۇتۇپ، ئىشىكتىن چىقىرىۋەتكەن، يەتمىگەندەك پەلەمپەيدىن ئىتتىرىپ چۈشۈرىۋەتكەندىم. ھەلىمە خۇددى كونا كىيىملەر چېگىلگەن ئەسكى بوغچىدەك شۇ ھالدا دومىلاپ كۆزۈمدىن يوقىغان...ئاشۇ ئىشلارغا مانا ھازىر دەل 8يىل بوپتۇ. سەككىز يىلنىڭ ئالدىدا ناسىرغا قارىتا يۈرىكىمگە تېڭىلىپ كەتكەن ئاشۇ بىر كاللەك مۇز نېمىلا بولمىسۇن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى، قىزىمنىڭ دادا،دادا، دەپ ئۇنىڭ بويۇنلىرىغا يامىشىشى، ئۇنىڭمۇ شۇ تاتلىق قىزغا ئىچ كۈيەرلىك بىلەن دادىلىق مېھرىنى بېرىشى بىلەن ئاستا-ئاستا ئېرىپ كەتكەن.

  ـــ ناسىر ئۆيگە كىرگەندە «غەرق مەست»كەن، ئۇ ھەتتا ئۆزىنى خوتۇنۇم بىلەن يېتىۋاتىمەن،دەپ ئويلاپ قاپتۇ.ئۇنى ئازدۇرغىنى ئاشۇ بۆشۈكىدىلا پىشىپ قالغان ھېلىمەك،بىلمەي قاپتۇق،يېزىدىكى تۇققانلاردىن ئاڭلىسام،ئۇ 15ياشتىلا كەنت سېكىرىتارىنىڭ قوينىغا كىرىپ بوپتىكەن، ئانىسى بۇ رەسۋاچىلىقنى يۇغۇشتۇرالماي،بىزنىڭ بېقىنىمىزغا ئىتتىرىپتىكەن...

  ئەينى ۋاقىتتا، قۇبۇل قىلىش تەس ۋە ھاقارەتلىك بولغان بۇ ئازابنى قېيىن ئانامنىڭ خۇددى ئېرىمگە ئوخشاشلا تەكرارلاۋاتقان مانا مۇشۇنداق سۆزلىرىگە «ئىشىنىش» ئارقىلىق يېڭىپ كەتكەندىم. شۇنداق قىلمايمۇ باشقا ئامالىم يوق ئىدى. ئۆزۈمنىڭ ئانىسى توغرا ئېيتقاندى، ھەم شۇنداق دەپ تەسەللى بېرەتتى:

  ــــ ساپسېرىق پارقىرىغاننىڭ ھەممىسىنىلا ئالتۇن دەمسەن؟ياق،ئۇنى پارقىراتقان شۇنداق رەڭلىك ھەل، بەزى ئىشلار«تەپمە ھالال»ئۆتۈپلا كەتسە ھېچكىمگە زىيان يوق، ھېچنېمىنى ئويلىمىغاندىمۇ قىزىڭنى ئويلا، ناسىر تېخى ياش،بۇندىن كېيىن شۇ نىجاسەتنى قايتا يەپمۇ يۈرمەس،خەقكە تاماشا قويۇپ بەرسەڭ،ئۆزۈڭگىمۇ ياخشىمۇ؟شۇ چىرايى،شۇ يۈز ئابرويى بىلەن ئېرىنى بالا باققۇچىچىلىكمۇ خوش قىلالماپتۇ،دېيىشىدۇ...

  شۇ چاغدا،گۈلدەك چىرايلىق بىر تاللا قىزىم ئۈچۈن،ئەتراپىمدا قانداق قىلاركىن، ئېرى بىلەن نېمىش بولدىكىن...دەپ ماراپ تۇرغان«دوست-دۈشمەنلىرىم»گە گەپ بولماسلىق ئۈچۈن سەۋر قىلغاندىم.ھەم ھەممە بۇزۇقچىلىقلارنى ئاشۇ زاكىسىدىلا بۇزۇلۇپ كەتكەن بالا باققۇچىغا ئارتىپ،ئۇنى يۇرتىغا يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن،«تەپمە ھالال»ئۆتكۈزىۋەتكەنتىم...

  مۇبادا،شۇ تاپ ئاپام،قېيىن ئاناملار ئەينى ۋاقىتتىكى شۇ رەسۋاچىلىقنىڭ يەنە بىر قېتىم،يەنە ئوخشاش ئەھۋالدا مۇشۇ تاپتا يۈز بەرگىنىنى،ئىشىنىپ كەتكەن ناسىر بالىسىنىڭ داۋاملىق نىجاسەت يەپ يۈرىۋاتقانلىقىنى بىلسە،بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى يەنە قايسى قائىدىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ«تەپمە ھالال» قىلىپ بېرەركىن؟...

  ــــ تۈفى،ئىپلاس!...ـــ ناسىرنىڭ سارغايغانغىمۇ،قىزارغانغىمۇ،كۈلگەن ۋە يىغلىغانغىمۇ ئوخشىمايدىغان ئالاچىپار يۈزىگە قارىتىپ غەزەب بىلەن بىرنى تۈكۈرىۋەتتىم.ئۇ يەنە يەرگە قاراپ تۇرىۋالدى.ئاينۇرنىڭ بېشى يەرگە تېگەيلا دەپ قالغاندى.شۇ تاپ ئۇنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.بەلكىم،ئىچىدە مېنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندۇ؟ئېرىڭ بارلىق گۇناھنى ئۈستىگە ئېلىۋالدى.دېمەك،ئېرىڭ مېنى قوغلاشقان،كەينىمگە كىرىۋالغان،بۇ ئۆيگىمۇ ئېرىڭنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا پايلىيالماي كىرىپ قالغان...دەۋاتقاندۇ؟ئېرىم بولسا،مېنى بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق تۇتىۋالغاندىڭ،شۇ چاغدىمۇ نېمە قىلالىدىڭ؟يەنە نېمىمۇ قىلالايتىڭ؟يېشىڭ 35 تىن ئېشىپ كەتتى،ساڭا يەنە كىممۇ قاراپ قويار؟ دەپ ئويلاۋاتقاندۇ...ياكى ئوڭغا تارتمىغان بۈگۈنكى بۇزۇقچىلىقىنى قانداق ئۇسۇلدا يېپىپ كېتىشنىڭ غېمىدە قالغاندۇ؟...ئىچ باغرىمدىن سوزۇلۇپ چىققان چوڭقۇر بىر ئۇھسىنىش بىلەن،بۇ مەينەت باسقان يەرگە قانداق كىرگەن بولسام يەنە شۇنداق ھالەتتە يېنىپ چىقتىم.نېرۋام قالايمىقانلىشىپ يۈرىكىم سىقىلدى. ھەتتا كەلگەن يولۇمنىمۇ پەرق ئېتەلمەي قالدىم.بۇ شەرمەندىچىلىكلەر گويا مېنى بۇ دۇنيادىن،ئەڭ مۇھىمى ئىسمايىلدىن ئايرىۋەتكەندەكلا قىلدى.

  توۋا نوچى ئىسمايىل دەل مۇشۇ مەينەت ئايال بىلەن بىللە ياشايدۇ،ھەر كۈنى ئۇنى قۇچاقلاپ ياتىدۇ،ئۇ ئېتىپ بەرگەن تاماقلارنى يەيدۇ،مۇشۇنداق بىر ئايالدىن ئەر خوتۇنچىلىقنىڭ مېھرى مۇھەبىتىنى كۈتىدۇ، ھېس قىلىدۇ،كۆزلىرىگە قارايدۇ،ئىككى بالىسى مۇشۇ ئايالنىڭ ۋۇجۇدى ئارقىلىق دۇنياغا كەلگەن. ئۇ خوتۇنىنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلىدىغانلىقىنى، ھاياسىز،ۋاپاسىز شەرمەندە ئىكەنلىكىنى ئەسلا بىلمەيدۇ...نېمە دېگەن تەڭشەلمىگەن جاھان ھە!ئۆز ۋاختىدا، تازا ھۆسنۈمگە تولۇپ،ھەرقانداق ئوغۇللارنى مەپتۇن قىلالايدىغان ئاشۇ ۋاقىتتىمۇ ئۇ تاللاپ-تاللاپ مۇشۇ ئايالنى ـــ مۇشۇ بۇزۇق ئاينۇرنى قوغلىشىپ،ياخشى كۆرۈپ ئالغان.مېنى ئەمەس...

  ئۆتكەن ئىشلار ئېسىمگە كېلىپ،تېخىمۇ پۇچۇلىنىپ كەتتىم.ئىسمايىلنىڭ تويى بولغان شۇ كۈن ھېلىمۇ ئېسىمدە،خۇددى ئېلىشىپ قالغان ئادەمدەك،مەھەللىنىڭ چېتىدىكى سۆگەت بۇلاققا بېرىپ،ئۈن قۇيۇپ يىغلىغان،يۈركىمگە مۇشتلىغان ئىدىم.گويا ئىچىمدە بىرنېمە كۈيىۋاتقاندەك،باغرىمدىن بىر ئاھ،تۈتۈن بولۇپ ئېتىلىپ چىققان ئىدى.شۇ كۈندىن باشلاپ كۈيىۋاتىمەن،كۆيىۋاتىمەن.ھەر قېتىم ئېرىمدىن كۆڭلۈم لەسسىدە بولغاندا...ئېرىمدىن ئۆزۈم كۈتكەن،چوقۇنىدىغان ھەقىقى ئوغۇلبالىچىلىقنى ھېس قىلالمىغاندا...مانا ھازىرقىدەك ئالا كۆڭۈللىكى،بۇزۇقچىلىقى يۈرىكىمنى تىلغىغاندا...«ئىسمايىل»دەپ تۇتىشىپ كەتكەن ئاشۇ ئوتلار تېخىمۇ يالقۇنجاپ كۆيىدۇ.باغرىمنى ئۆرتەيدۇ،سېغىندۇرىدۇ.

  ئىنتايىن كىچىك بەكمۇ كىچىك چاغلىرىمدىن باشلاپلا ئىسمايىلنى ياخشى كۆرەتتىم.ئۇ چاغلار كىچىكلىكتە ھەتتا قىز نېمە ئوغۇل نېمە،ئەر نېمە،ئايال نېمە.كۆڭۈل نېمە مۇھەببەت نېمە...دېگەنلەرنى بىلمەيتىم.ئۇ مېنى قۇتقۇزىۋالغان،سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغان سەككىز ياشلىق مېنى سۇدىن چېچىمدىن سۆرىگەنچە قىرغاققا ئېلىپ چىققان ئىدى.بىز مەھەللىدىكى بىر توپ بالىلار بىلەن سۇغا چۆمۈلگىلى بارغان،چوڭ بالىلار چۆمىلىۋاتقان يەرگە كىچىكلىرىمىزمۇ چۆمىلىۋالغان ئىدۇق،قىرغاقتا سۇ چېچىشىپ ئوينىغىنىم ئېسىمدە،بىر چاغدا قانداقلارچە سۇنىڭ چوڭقۇرىغا يەنە كېلىپ چوڭ قاينامغا كىرىپ قالغىنىمنى بىلمىدىم.كىچىككىنە بويۇم خۇددى ئاجىز قۇمۇشتەك بىر نەچچىنى پىرقىرىغاندەك بولدى-دە،ئاغزى بۇرنۇمغا سۇ تولۇپ،بىردەمدىلا سۇنىڭ ئىچىدە قالدىم،ھاۋا يوق،نۇر يوق ھەتتا قوللىرىمنى پۇلاڭلاتقۇدەك جېنىممۇ يوق،بەلكىم قوللىرىمنىڭ ئۇچىمۇ سۇنىڭ چوڭقۇرىغا بويلىمغاندۇ... شۇنداق بىر ھەل قىلغۇچ پەيتتە،ھايات قېلىشىم پۈتۈنلەي مۈمكىن ئەمەس بولۇپ قالغاندا،ئۇنىڭ ئۇزۇن قوللىرى،شادىپاچاق پۇتلىرى ماڭا قاراپ ئۈزۈپ كەلگەن...
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر