باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگوچە ئۆزئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ قالتىس نەتىجە يارىتايلى(2)

2014.01.07 17:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن خەلق چوڭ سارىيىدا ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ئاي پەرىسى-3 ۋەزىپىسىدە تەتقىقات ۋە سىناققا قاتناشقان خادىملارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ۋەزىپىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندالغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەمدە تەتقىقات ۋە سىناققا قاتناشقان خادىملاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارنىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك تىرىكى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە يادرولۇق ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگوچە ئۆزئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشقىلار مېڭىپ باقمىغان يولدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، قىيىنچلىقلارنى يېڭىش ئارقىلىق قالتىس نەتىجە يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. (سۈن شيۇيەن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر